پرىنتېرنىڭ سىياھ/كۇكۇنىنى قانداق تەكشۈرگىلى بولىدۇ؟

خەت باسقۇدا قانچىلىك سىياھ ياكى كۇكۇن قالغانلىقىنى قانداق كۆرۈش خەت باسقۇ تىپى ۋە ياسىغان سودىگەر ۋە كومپيۇتېرغا ئورنىتىلغان قوزغاتقۇ ۋە ئەپكە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بەزى خەت باسقۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېكراندا سىياق مىقدارى ۋە باشقا ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.

زور كۆپچىلىك HP خەت باسقۇنىڭ قوزغاتقۇسى ۋە ھالەت قورالى HP Linux تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچ ۋە بېسىش (HPLIP) قۇرۇلۇشى تەمىنلەيدۇ. باشقا ياساش سودىگەرلىرىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان ئىقتىدارى بار مەخسۇس قوزغاتقۇ تەمىنلەيدۇ.

ئۇندىن باشقا، سىز ئەپ ئورنىتىپ سىياھ مىقدارىنى تەكشۈرۇپ ياكى نازارەت قىلالايسىز. Inkblot پىروگراممىسى نۇرغۇن HP، Epson ۋە Canon خەت باسقۇلارنىڭ سىياھ مىقدارىنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ. سىز خەت باسقۇنىڭ قوللايدىغان تىپلار تىزىمىدا بار يوقلۇقىنى كۆرەلەيسىز. Epson ۋە باشقا بىر قىسىم خەت باسقۇلارنىڭ سىياھ مىقدارىنى كۆرۈش پىروگراممىسى mktink.

لىنۇكىس بەزى خەت باسقۇلارنى قوللىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەزى خەت باسقۇنىڭ ئۆزىمۇ قانچىلىك سىياھ قالغانلىقىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.