لېپاپ ۋە ئەن بېسىپ چىقىرىش

زور كۆپ قىسىم خەت باسقۇ لېپاپ ياكى ئەن ئۈستىگە مەزمۇننى باسالايدۇ. كۆپ مىقداردا خەت يوللاش زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا بۇ مەشغۇلات ناھايىتى قولايلىق.

لېپاپىغا بېسىپ چىقىرىش

خەتنى لېپاپقا بېسىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىرىنچىسى، خەت باسقۇ لېپاپ چوڭلۇقىنى بىلىش كېرەك. ئاندىن كېيىن باس نى چېكىپ بېسىش كۆزنىكى كۆرۈنگەندىن كېيىن بەت تەڭشەكبەتكۈچكە يۆتكىلىپ قەغەز تىپىنى تاللاڭ. ئەگەر تاللىغىلى بولسا، «لېپاپ»نى تاللاڭ. ئەگەر تاللىغىلى بولمىسا قەغەز چوڭلۇقىنى لېپاپ چوڭلۇقى (مەسىلەن، "C5") غا ئۆزگەرتىڭ. لېپاپ ئورالمىسىدا چوڭلۇقى كۆرۈنىدۇ؛ زور كۆپچىلىك لېپاپا ئۆلچەملىك چوڭلۇقتا بولىدۇ.

ئىككىنچى، لېپاپنىڭ ئالدى يۈزىنى ئۈستىگە قىلىپ خەت باقۇ قۇتىسىغا سېلىپ جەزملەڭ. بۇ مەشغۇلاتقا ئائىت ئۇچۇرنى خەت باسقۇنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرسىڭىز ياكى بىر لېپاپىنى بېسىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن بېسىش نەتىجىسىگە ئاساسەن لېپاپىنى توغرا ئۇسۇلدا قويسىڭىز بولىدۇ.

بەزى خەت باسقۇلار لېپاپا بېسىشقا لايىھەلەنمىگەن، بولۇپمۇ بىر قىسىم لازىرلىق خەت باسقۇلار. ئىشلىتىش قوللانمىسىنى كۆرۈپ لېپاپا باسالايدىغان ياكى باسالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ بولمىسا لېپاپىنى سالسىڭىز خەت باسقۇنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.