بېسىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئەگەر پۈتۈك تاسادىپىي بېسىشنى باشلىسا، تېز سۈرئەتتە بېسىشتىن ۋاز كېچىپ سىياھ ۋە قەغەزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تىزىملىك بالداق تىكى بېسىش سىنبەلگىسىنى چېكىڭ. بېسىش ھالىتى كۆزنىكىدە ۋاز كەچمەكچى بولغان بېسىش ۋەزىپىسىنى تاللاپ قىزىل رەڭلىك ۋاز كەچ توپچىنى چېكىڭ.

ئەگەر بۇ مەشغۇلات ئويلىغىنىڭىزدەك بېسىش ۋەزىپىسىنى بىكار قىلالمىسا ئۇنداقتا پىرىنتېردىكى ۋاز كەچ توپچىنى بېسىپ تۇرۇڭ.

ئەگەر يەنىلا رولى بولمىسا بولۇپمۇ كۆپ بەتلىك، كۆپ مىقداردىكى بېسىش ۋەزىپىسىنى بىكار قىلغىلى بولمىغاندا، قەغەزنى خەت باسقۇنىڭ قەغەز قۇتىسىدىن چىقىرىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا خەت باسقۇ قەغەز يوقلۇقىنى بايقاپ بېسىشتىن توختايدۇ. ئاندىن بېسىشتىن ۋاز كەچسىڭىز بولىدۇ ياكى خەت باسقۇنى تاقاپ قايتا ئاچسىڭىز بولىدۇ.

ئەمما قەغەزنى چىقىرىۋاتقاندا ئېھتىيات قىلىپ، خەت باسقۇنى بۇزۇپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر بەك كۈچىسىڭىزمۇ قەغەزنى چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن.