قوش يۈزگە ۋە بىر يۈزگە بىر قانچە بەتنى بېسىش

قەغەزنىڭ ئىككى يۈزىگە باسالايدۇ:

  1. ھۆججەت ◂ بېسىپ چىقار نى چېكىسىز.

  2. بېسىش كۆزنىكىنىڭ بەت تەڭشەك بەتكۈچىگە ئالمىشىپ، تارتما تىزىمدىن قوش يۈز تاللانمىسىنى تاللاڭ. ئەگەر بۇ تاللانما چەكلەنگەن بولسا ئۇنداقتا پىرىنتېرىڭىزدا قوش يۈزگە باسقىلى بولمايدۇ.

    پىرىنتېر ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا قوش يۈزگە بېسىشنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىر بىرلەپ سىناش يامان ئەمەس ئامال.

  3. قەغەزنىڭ ھەر بىر يۈزىگە كۆپ بەتلىك پۈتۈكنى باسالايسىز. ھەر بىر بەت يۈزى تاللانمىسىدا بۇ مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلالايسىز.

بۇ تاللانمىلارنى ئىشلەتكىلى بولۇش بولماسلىق پىرىنتېرىڭىزنىڭ تىپى ۋە ئىشلىتىۋاتقان پىروگراممىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ تاللانمىلارنى ھەمىشە ئىشلەتكىلى بولۇشى ناتايىن.