كومپيۇتېرىم قوزغالمىدى

كومپيۇتېرىنىڭ قوزغالماسلىقىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بار. بۇ تېما سىزگە بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان سەۋەبلەر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

كومپيۇتېر توكقا چېتىلماسلىق، باتارېيە قۇرۇق بولۇش، ياكى سىم بوشاپ قىلىش

كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە سىمىنىڭ پۇختا چېتىلغانلىقىنى شۇنداقلا توك مەنبەسىنىڭ چىقىرىش ئېغىزى ئۇلانغانمۇ يوق تەكشۈرۈڭ. ئېكراننىڭمۇ چېتىلغانلىقىنى توك مەنبەسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ئەگەر يان كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، توك قاچىلايدىغان سىمنى ئۇلاڭ(توكداندا توك تۈگىگەن ئەھۋالدا). توكداننىڭ ئورنىغا تولۇق چۈشكەن چۈشمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ(يان كومپيۇتېرنىڭ ئاستىنى تەكشۈرۈڭ).

كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە

كومپيۇتېرنىڭ مەلۇم زاپچىسى بۇزۇلغان ياكى كاشىلا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا كومپيۇتېرىڭىزنى ئوڭشىتىشقا توغرا كېلىدۇ.كۆپ ئۇچرايدىغان كاشىلا بۇزۇلغان توك تەمىنلەش بۆلىكى،خاتا ئورنىتىلغان زاپچاس(ئىچكى ساقلىغۇچ/RAM دېگەندەك) شۇنداقلا ئاساسلىق تاختىدىكى مەسىلە

تىت-تىت قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۆچۈپ قالدى

ئەگەر كومپيۇتېرنى ئاچقاندا بىرنەچچە قېتىم تىت-تىت قىلغان ئاۋاز چىقىپ ئۆچۈپ قالسا(ياكى قوزغىلىشتا مەغلۇپ بولسا)،كومپيۇتېرنىڭ بېرەر مەسىلە بايقىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.تىت-تىت ئاۋازى بەزىدە beep codes غا ئاساسلىنىدىغان بولۇپ، تىت-تىت ئاۋازنىڭ چىقىش ئۇسۇلى سىزگە كومپيۇتېرنىڭ مەلۇم مەسىلىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان beep codes نى ئىشلىتىدۇ،شۇنداق بولغانىكەن كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق تاختىسىنىڭ قوللانمىسىغا مۇراجىئەت قىلىشىڭىزغا ياكى كومپيۇتېرنى ئوڭشىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ شامالدۇرغۇچى ئايلىنىدۇ لېكىن ئېكراندا ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ

تۇنجى بولۇپ تەكشۈرۈشكە توغرا قىلىدىغىنى ئېكراننىڭ چېتىلغان چېتىلمىغانلىقى شۇنداقلا ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش.

بۇ خىل مەسىلە قاتتىق دېتالدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى باسقاندا شامالدۇرغۇچ قوزغىلىشى مۇمكىن، لېكىن كومپيۇتېرنىڭ باشقا ئاساسلىق قىسمى قوزغىلىشتا مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا كومپيۇتېرىڭىزنى ئوڭشىتىشقا توغرا كېلىدۇ.