كومپيۇتېرىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ توكىدا ئىشلەمدۇ؟

ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر توك تەمىنلەشتە ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتر بېسىمى(ئادەتتە 110V ياكى 220-240V) ھەم AC چاستوتىسىنى(ئادەتتە 50Hz ياكى60Hz) ئىشلىتىدۇ. ئەگەر سىزدە مۇۋاپىق بولغان ماسلاشتۇرغۇچ بولسىلا سىز باشقا دۆلەتتىمۇ نورمال ئىشلىتەلىشىڭىز كېرەك. يەنە بەلكىم چاتباش ئالماشتۇرغۇچى ئىشلىتىشىڭىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن.

ئەگەر سىزدە يان كومپيۇتېر بولسا، بەلكىم توك مەنبە ئاداپتېرىڭىزغا مۇۋاپىق بولغان چاتقۇچىنىلا لازىم قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىر قىسىم يان كومپيۇتېرلارنى سېتىۋالغاندا بىر نەچچە چاتقۇچ بىلەن بىرگە كەلگەن بولىدۇ، بەلكىم سىزدە ئاللا بۇرۇن مۇۋاپىق بولغان چاتقۇچ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سىزدە بار بولغىنىنى ئۆلچەملىك ساياھەت ئاداپتېرغا چاتسىڭىزلا كۇپايە.

ئەگەر سىزدىكىسى ئۈستەل ئۈستى كومپيۇتېر بولسا ، باشقا شتېپسېل بىلەن سىمنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ ياكى ساياھەت ئاداپتېرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا توك بېسىمى ئالماشتۇرغۇچى بولسا توك بېسىمىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.كۆپىنچە كومپيۇتېرلاردا بۇ خىل ئالماشتۇرغۇچ بولمايدۇ، ھەر ئىككى توك بېسىمىدا نورمال ئىشلەيدۇ.كومپيۇتېرنىڭ كەينىگە قاراڭ ھەمدە توك مەنبە سىمى ئۇلانغان جاينى ئىزدەپ تېپىڭ، شۇ ئەتراپتا كىچىك بولغان «110V» ياكى «230V»(مەسىلەن) دېگەن ئۈزچات بولۇشى مۇمكىن. لازىم بولسا ئۆزگەرتىڭ.

توك مەنبە سىمىنى ئالماشتۇرغاندا ياكى ساياھەت ئاداپتېرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە ھەممە نەرسىنى ئېتىۋېتىڭ.