كومپيۇتېرنى ئويغاتقاندا سىمسىز تور ئۇلىنىشى يوق

ئەگەر سىز كومپيۇتېرىڭىزنى توڭلىتىش ھالىتىگە ئەكېلىپ قويۇپ ئويغاتقان ۋاقىتتا سىمسىز تورنىڭ ئۇلانمىغانلىقىنى بايقايسىز. بۇ خىل ئەھۋال سىمسىز ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغاتقۇچلىرى مەلۇم توك ساقلاش ئىقتىدارىنى تامامەن قوللاپ كېتەلمىگەنلىكىدىن يۈز بېرىدۇ. تىپىك ھادىسە بولسا، كومپيۇتېر ئويغانغاندا سىمسىز ئۇلىنىش نورمال قوزغىلالمايدۇ.

سىمسىز تور كارتىسىنى تاقاپ ئاندىن يەنە قايتا ئېچىڭ:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز

  2. تور نى ئېچىپ سىمسىز بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. سىمسىز تور كارتىسىنى تاقاپ ئاندىن يەنە قايتا ئېچىڭ

  4. ئەگەر سىمسىز تور يەنىلا ئىشلىمىسە، ئايروپىلان ھالىتى نى ئېچىپ ئاندىن تاقاڭ.

ئەگەر بۇ مەشغۇلاتلارمۇ كارغا كەلمىسە ، كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىش ئارقىلىق سىمسىز ئۇلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.