توكدان 10% گە چۈشۈپ قالغاندا نېمىشقا كومپيۇتېر تاقىلىپ/توڭلاش ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ؟

كومپيۇتېردا ساقلانغان توكنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز قالغاندا، كومپيۇتېرىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا توڭلات ھالىتىگە ئۆتىۋالىدۇ(بارلىق ئوچۇق بولغان ھۆججەت ۋە پروگراممىلىرىڭىزنى ساقلىغاندىن كىيىن تاقىلدىغان ھالەت). بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى توكداندا توك تولۇق تۈگەپ كەتسە توكدانغا ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر توكداندىكى توك تۈگەپ كېتىپ قالسا كومپيۇتېر نورمال تاقىلىشىغىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.

تىزىملىك بالدىقى دىكى توكدان تىزىملىك نى چېكىپ توك تەڭشىكى نى تاللاش ئارقىلىق توك ئىنتايىن ئاز قالغاندا نېمە قىلىشنى تەڭشىيەلەيسىز. توك ئىنتايىن ئاز قالغاندا غا كۆز يۈگۈرتۈڭ. كومپيۇتېرنى تاقاش ياكى ئۈچەككە تەڭشىيەلەيسىز. ئەگەر سىز تاقاشنى تاللىسىڭىز ، سىزنىڭ ھۆججەتلىرىڭىز ۋە پروگراممىلىرىڭىز كومپيۇتېر ئۆچۈشتىن بۇرۇن ساقلانمايدۇ .

بىر قىسىم كومپيۇتېرلارنىڭ توڭلىتىش ھالىتىگە ئۆتۈشىدە مەسىلە بار بولۇپ، سىز كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندا سىز ئاچقان پروگراممىلار ۋە ھۆججەتلەر ئەسلىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر سىز توڭلىتىش ھالىتىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن ساقلاش ئېلىپ بارمىسىڭىز بىر قىسىم خىزمەتلىرىڭىز بىكار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بەلكىم توڭلىتىش ھالىتىەە كىرىشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.