كومپيۇتېرىم بەك قىزىپ كەتتى

كۆپىنچە كومپيۇتېرلار مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كىيىن خىلىلا قىزىپ كېتىدۇ، بۇ نورمال: كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىنى سوۋۇتۇشنىڭ بىر تەركىبى قىسمى.بىراق بەك قىزىپ كېتىش ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىشنىڭ بېشارىتى بولۇپ، يوشۇرۇن بولغان زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپىنچە يان كومپيۇتېرلار مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كىيىن مۇۋاپىق ھالدا قىزىيدۇ.ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق، كومپيۇتېرلار كۆپ ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان بولۇپ يان كومپيۇتېرلار بولسا يىغىنچاق، شۇڭلاشقا ئىسسىقلىقنى تىزدىن چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ بۇنىڭ بىلەن سىرتقى قېپى قىزىپ كېتىدۇ.بەزى يان كومپيۇتېرلار ھەدىدىن ئارتۇق قىزىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكەندە ئانچە راھەت بولماسلىقى مۇمكىن. نورمال ئەھۋالدا بۇ سوۋۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ياخشى لايىھىلەنمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى. بەزى ۋاقىتلاردا يان كومپيۇتېرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان قوشۇمچە سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بولغان سوۋۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.

ئەگەر ئۈستەل كومپيۇتېرىنى تۇتقاندا قىزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، سوۋۇتۇش يىتەرسىز بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان بولىدۇ.ئەگەر ئەندىشە قىلسىڭىز باشقا سوۋۇتۇش شامالدۇرغۇچىنى سېتىۋالسىڭىز ياكى سوۋۇتۇش شامالدۇرغۇچى ۋە ھاۋا ئالماشتۇرغۇچىدا چاڭ-توزان شۇنداقلا باشقا توسالغۇلار بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېرنى ھاۋا ئۆتىشىدىغان ئورۇنغا قويۇشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئەگەر ھاۋا ئالماشمايدىغان ئورۇندا بولسا (مەسىلەن ئىشكاپ دېگەندەك) كومپيۇتېرنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى قىزىق ھاۋانى ھەيدەپ سوغۇق ھاۋانى ئالماشتۇرۇشى يېتەرلىك تىز بولالماسلىقى مۇمكىن.

بىر قىسىم ئادەملەر قىزىق كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئۇزۇنغا سوزۇلغان كومپيۇتېرنى تىزغا قويۇپ ئىشلىتىش ئەرلەرنىڭ كۆپۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشى ،شۇنداقلا كىچىك بولغان كۆيۈكنى(ھەدىدىن تاشقىرى بولغان ئەھۋالدا) كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بۇ يوشۇرۇن خەۋپلەردىن ئەنسىرىسىڭىز دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە تىزغا قويۇپ كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىكىنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كۆپىنچە زامانىۋى كومپيۇتېرلار بەك قىزىپ كەتكەن ۋاقىتتا زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزى ئۆچۈۋالىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېر ئۆچۈپ قالغان بولسا بۇمۇ بىر سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن.ئەگەر كومپيۇتېرىڭىز ھەدىدىن ئارتۇق قىزىپ كەتسە، ئوڭشىتىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.