يان كومپيۇتېرنىڭ شامالدۇرغۇچى دائىم ئايلىنىپ تۇرۇۋالىدۇ

ئەگەر يان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ شامالدۇرغۇچى دائىم ئايلىنىپ تۇرسا، يان كومپيۇتېرنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسىنى كونترول قىلىدىغان قاتتىق دېتال Linux تەرىپىدىن ئانچە ياخشى قوللىمىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.بىر قىسىم يان كومپيۇتېرلار سوۋۇتۇش شامالدۇرغۇچىنىڭ ياخشى كونترول قىلىنىش ئۈچۈن مەخسۇس يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلىدۇ،بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئورنىتىلمىغان بولۇش(ياكى Linux تا يوق بولۇشى) بۇنىڭ بىلەن شامالدۇرغۇچ دائىم توختىماي تىز سۈرەتتە ئايلانغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، سىز بەزى تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتەلىشىڭىز ياكى باشقا يۇمشاق دېتال ئارقىلىق شامالدۇرغۇچنى تولۇق كونترول قىلالىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، vaiofand نى ئورنىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم Sony VAIO يان كومپيۇتېرلارنىڭ شامالدۇرغۇچىنى كونترول قىلالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىش تېخنىكىلىق تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ يان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ماركىسى ۋە تىپىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى، بۇنى قىلىش ئۈچۈن سىز بەلكىم بىر قىسىم مەسلىھەتكە ئېھتىياج بولۇشىڭىز مۇمكىن.

يان كومپيۇتېرىڭىز كۆپ ئىسسىقلىق چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ نورمالدىن ئارتۇق ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ كومپيۇتېرنى سوۋۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەلكىم شامالدۇرغۇچنىڭ دائىم تىز سۈرەتتە ئايلىنىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ، شامالدۇرغۇچنى ئايلىنىپ تۇرۇشىغا يول قويۇشىڭىزدىن باشقا تاللاش يوق بولۇپ قالىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يان كومپيۇتېرىڭىزغا قوشۇمچە سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالسىڭىز بۇنىڭ ياردىمى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.