نېمىشقا Windows/Mac OS نىڭدا ئىشلەتكەنگە قارىغاندا باتارېيە ئىتتىك تۈگەپ كېتىدۇ؟

بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا Linux سىستېمىسى ئىشلەتكەندە ، Windows ياكى Mac OS سىستېمىلىرىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا باتارېيە تىز تۈگەيدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى بولسا ، ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ Windows ياكى Mac OS سىستېمىلىرىغا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئەلالاشتۇرىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئورناتقان بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ تۈردىكى ئۆزگەرتىشلەر يۇقىرى دەرىجىدە چەكلەنگەن بولۇپ ھۆججەتلەشتۈرۈلمىگەن بولىدۇ ، شۇڭلاشقا Linux دا ئۆز ئىچىگە ئېلىش قىيىن.

ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەرنىڭ قانداق ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن ئەھۋالدا بۇلارنى قوللىنىشىڭىز ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.بەلكىم ئاددىي بولغان توك تېجەش ئۇسۇللىرى نىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ھەرخىل تېزلىكتىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسا، ئۇنىڭ تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ياردىمى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

Linux تىكى توكداننىڭ ئۆمرىنى مۆلچەرلەشتىكى ئۇسۇلنىڭ Windows ۋە Mac OS تىكى بىلەن ئوخشىماسلىقىمۇ يەنە بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە توكداننىڭ ئۆمرى ئوخشاش بولۇپ، مۆلچەرلەشتىكى ئۇسۇللار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ئۈچۈن مۆلچەرلىگەن توكداننىڭ قالغان ۋاقتىدا خاتالىق بار گە قاراڭ.