مۆلچەرلىگەن توكداننىڭ قالغان ۋاقتىدا خاتالىق بار

توكداننىڭ قانچە ئۇزۇن ۋاقتى قالغانلىقىنى تەكشۈرگەندە، قالغان ۋاقىت بىلەن توكداننى ئەمەلىي ئىشلەتكەن ۋاقتى بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب توكداننىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك قالغانلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت مۆلچەرلەشكىلا بولىدىغانلىقىدا. شۇڭلاشقا توغرا بولماي قالىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۆلچەر تېخىمۇ دەل بولىدۇ.

باتارېيىنىڭ قالغان ۋاقتىنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن بىر قانچە ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك. نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى بۇنىڭ بىرى: توك سەرپىياتى سىز ئاچقان پروگراممىلارنىڭ ئاز كۆپلۈكى ، قانداق ئۈسكۈنىلەرنىڭ چېتىقلىق ئىكەنلىكى، ئېغىر بولغان مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىش(DVD كۆرۈش ياكى مۇزىكا ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇش دېگەندەك). بۇلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، مۆلچەرلەش تەس.

يەنە بىر ئامىل بولسا باتارېيىنىڭ توكنى قويۇپ بېرىشىدا. بەزى باتارېيىلەر ئىشلەتكەنگە قارىغاندا توكنى كۆپ يوقىتىدۇ. باتارېيىنىڭ توكنى قانداق قويۇپ بېرىلغانلىقىغا نىسبەتەن ئېنىق ئۇقۇم يوق ھالەتتە باتارېيىنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاقىتقا نىسبەتەن پەقەت ئانچە توغرا بولمىغان مۆلچەرنىلا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

توكدان توك قويۇپ بەرگەندە توك باشقۇرغۇچى بۇنى توك قويۇپ بېرىش خاسلىقىدىن توكدان ئۆمرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇنى مۆلچەرلەش دەل توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

ئەگەر سىز ئېرىشكەن مۆلچەر ئەخمىقانىلارچە بولسا(نەچچە يۈز كۈن دېگەندەك)، توك باشقۇرغۇچىدا مۆلچەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مەلۇم سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ يۈتۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر سىز توك مەنبەسىنى چاتماي مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەن بولسىڭىز ، قايتا چېتىپ توك قاچىلىسىڭىز ، توك باشقۇرغۇچى لازىملىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.