كومپيۇتېرىم خاتا تورغا باغلاندى

كومپيۇتېرىڭىزنى ئېچىپ ياكى باشقا جايغا يۆتكىگىنىڭىزدە كومپيۇتېرىڭىز سىز ئىلگىرى باغلانغان سىمسىز تورغا باغلىنىشنى ئۆزلۈكىدىن سىنايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر قېتىم خاتا تورغا باغلىنىشنى سىنىسا ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىڭ:

  1. تىزىملىك بالدىقىدىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن باغلىنىشنى تەھرىرلەش نى تاللايسىز.

  2. سىمسىز تور بەتكۈچكە يۆتكىلىپ، باغلىنىپ تۇرۇشنى خالىمايدىغان تورنى ئىزدەڭ.

  3. تاللانغان تورنى چېكىپ ئۆچۈرنى تاللاڭ، كومپيۇتېرىڭىز بۇ تورغا باغلىنىشنى سىنىمايدۇ.

ئەگەر بايا ئۆچۈرگەن تورغا سەل تۇرۇپ باغلانماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۈستىدىكى تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكىنى چەككەندە كۆرۈنگەن سىمسىز تور تىزىمىدا ئۇنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ، باشقا ھەر قانداق تورغا باغلىنىش قەدەم باسقۇچى بىلەن ئوخشاش.