يوشۇرۇن سىمسىز تورغا باغلىنىش

سىمسىز تورنى ‹يوشۇرۇن› قىلىپمۇ بەلگىلىگىلى بولىدۇ. يوشۇرۇن تورلار تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكىنى چەككەندە كۆرۈنىدىغان تور تىزىمىدا كۆرۈنمەيدۇ(شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق كومپيۇتېرنىڭ سىمسىز تور تىزىمىدىمۇ كۆرۈنمەيدۇ). يوشۇرۇن سىمسىز تورغا باشلىنىشتا:

  1. تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن سىمسىز تورغا باغلان نى تاللاڭ.

  2. كۆرۈنگەن كۆزنەكتە تور ئاتىنى كىرگۈزۈپ، تورنىڭ بىخەتەرلىك تىپىنى تاللاپ ئاندىن باغلان نى چېكىڭ.

سىمسىز ئاساسىي ئىستانسا ياكى يېتەكلىگۈچنىڭ تەڭشىكىدىن تور ئاتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇ سىمسىز تورنىڭ ئاتى بەزى ئۈسكۈنىلەردە BSSID(ئاساسىي مۇلازىمەت توپلىمى بەلگىسى) دەپمۇ ئىپادىلىنىدۇ، مۇنداق قىممەتلەرنىمۇ ئېلىشى مۇمكىن 02:00:01:02:03:04.

شۇنداقلار سىمسىز ئاساسىي ئىستانسىنىڭ تەڭشىكىدىن بىخەتەرلىك تىپىنىمۇ كۆرۈۋېلىشىڭىز كېرەك. بىخەتەرلىك تىپى ئادەتتە WEP ۋە WPA دېگەندەك بولىدۇ.

‹سىمسىز تورنى يوشۇرۇن قىلىپ، باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويدۇم، باشقىلار باغلىنالمايدۇ، ئەمدى سىمسىز تور بىخەتەر بولدى› دەپ ئويلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇنى تېپىشلا قىيىنغا توختايدۇ. يەنىلا ھەر خىل ئاماللار بىلەن كۆرۈشكە بولىدۇ.