سىمسىز تور نېمىشقا ھەمىشە ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ؟

تور باغلىنىشىڭىزنىڭ دائىم ئۈزۈلۈپ كېتىدىغانلىقى بايقىشىڭىز مۇمكىن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، باغلىنىش ئۈزۈلسىلا كومپيۇتېرىڭىز تور(قايتا باغلىنىشنى سىنىغاندا تىزىملىك بالداقتىكى تور سىنبەلگىسى ئايلىنىدۇ)غا باغلىنىشنى سىنايدۇ، بۇ سىزگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

سىمسىز تور سىگنالى ئاجىز

سىگنال ئاجىز بولسا سىمسىز توردىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. سىمسىز تور سىگنالىنىڭ يېتىپ بارالايدىغان ئارىلىقى چەكلىك. سىمسىز تورنىڭ ئاساسىي ئاپپاراتىدىن يىراقراق بولسىڭىز، ئۈزلۈكسىز باغلىنىپ تۇرۇشقا يېتەرلىك بولغان كۈچلۈك سىگنالغا ئېرىشەلمەيسىز. ئارىلىقتىكى تام دېگەندەك نەرسىلەرمۇ سىگنالنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

تىزىملىك بالداقتىكى تور سىنبەلگىسى سىمسىز تورنىڭ سىگنال كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىگنال ئاجىز بولسا سىمسىز تورغا يېقىنراق جايغا يۆتكەپ سىناڭ.

تور باغلىنىشى مۇۋاپىق قۇرۇلمىدى

بەزىدە سىمسىز تورغا باغلانغان ۋاقتىڭىزدا دەسلەپتە مۇۋەپپەقىيەتلىك باغلانغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ ئەمما سەل تۇرۇپلا ئۈزۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تامامەن مۇۋەپپەقىيەتلىك باغلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ باغلىنىشنى سىنايدۇ ئەمما بەزى سەۋەپلەردىن ئاخىرقى باغلىنىش ھالىتىنى جەزملىيەلمەيدۇ شۇڭا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

ئاساسلىق سەۋەبى، سىمسىز تور ئىمى توغرا بولمىغان ياكى مەزكۇر كومپيۇتېرنىڭ بۇ سىمسىز تورغا باغلىنىشىغا ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكتىن بولىدۇ (چۈنكى سىمسىز تورغا كىرىش ئۈچۈن ئادەتتە ئىشلەتكۈچى ئاتى كېرەك بولىدۇ.)

سىمسىز تور قاتتىق دېتالى/قوزغاتقۇسى ئىشەنچسىز

بەزى سىمسىز تور ئۈسكۈنىلىرى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. سىمسىز تور بەك مۇرەككەپ شۇڭلاشقا سىمسىز ماسلاشتۇرغۇچ ۋە ئاساسىي پونكىت ئاندا-ساندا كىچىك مەسىلە كۆرۈلۈپ باغلىنالماسلىقى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ئەمما كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سىمسىز توردىن دائىم ئۈزۈلۈپ كەتسىڭىز مۇشۇ ئۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دائىم يۈز بەرسە باشقا قاتتىق دېتال ئىشلىتىشنى ئويلىشىڭ

سىمسىز تور بەك ئالدىراش

ئادەتتە مەكتەپ ياكى ئاممىۋى ئورۇنلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشاش بىر سىمسىز تور ئاساسىي ئاپپاراتىغا ئۇلىنىدۇ. بۇ ئاساسىي ئاپپاراتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلالايدىغان باغلىنىشنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ. ئىشلەتكەن ئىشلەتكۈچى سانى كۆپ بولغان ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.