سىمسىز تورنى ئېتىش(ئايروپىلان ھالىتى)

ئەگەر سىز ئايروپىلاندا ياكى سىمسىز تور ئىشلىتىش چەكلەنگەن رايوندا بولسىڭىز، سىمسىز تور ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈزچاتىنى ئۈزۈۋېتىشىڭىز كېرەك. ياكى توك تېجەش ئۈچۈن بەزىدە سىمسىز تور ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈزچاتىنى ئۈزۈۋېتىشنى ئويلايسىز.

بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش ئۈچۈن، ئۈستى تاختىدىكى تور تىزىملىكى دىن سىمسىز تورنى قوزغات نى تاللىمىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىمسىز تور باغلىنىشىنى ئۈزۈلۈپ، بۇ يەرنى قايتا تاللىمىغۇچە باغلانمايدۇ.

سىمسىز تور باغلىنىشىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكى دىن سىمسىز تورنى قوزغات نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە تاللاش بەلگىسى چىقىدۇ.

ئەگەر كۆكچىش نى ئەتمىسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز يەنىلا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋېرىدۇ.