ئىنتېرنېتتا بىخەتەر تۇرۇشنى قوغدايدۇ

لىنۇكىس ئىشلىتىشىڭىزنىڭ سەۋەبى لىنۇكىسنىڭ كۈچلۈك بولغان بىخەتەرلىك ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىن. لىنۇكىسنىڭ زىيانلىق يۇمشاق دېتال ۋە ۋىرۇسقا نىسبەتەن نىسپىي بىخەتەر بولۇشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئۇنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى. ۋىرۇس ئادەتتە ئىشلەتكۈچى توپى ناھايىتى زور بولغان Windows قا ئوخشاش مەشغۇلات سىستېمىسىغا يۇقىدۇ. لىنۇكىس نىسپىي بىخەتەر بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇنىڭ ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەر بىر تارقىتىش نەشرىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ ۋە كۈچەيتەلىگەنلىكىدە.

گەرچە نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ لىنۇكىس سىتېمىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدالغان بولسىمۇ ئەمما يوچۇق يەنىلا بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتىكى بىر تور ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىدە، تۆۋەندىكىدەك تەھدىتلەرگە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن:

توردا بىخەتەر تۇراي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ئەسكەرتىشلەرنى ئەستە تۇتۇڭ:

  • يوچۇن كىشىلەر ئەۋەتكەن ئېلخەت، قوشۇمچە ياكى ئۇلانمىنى ئاچماڭ.

  • ئەگەر تورتۇرانىڭ ئېتىبارلىرى بەك جەلپ قىلسا ياكى بەزى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى سورىسا، كۆپرەك ئويلىنىپ ئاندىن مەزمۇننى يوللاڭ ھەممە بۇ ئۇچۇرلارنى خاككىرلار ياكى قانۇنسىز كىشىلەر پايدىلانسا قانداق ئەقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاڭ.

  • ھەر قانداق پىروگراممىغا ئەڭ ئالىي ھوقۇق (بولۇپمۇ ئىلگىرى پەقەت ئىشلىتىپ باقمىغان ياكى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان پىروگراممىلار) تەمىنلىگەندە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىڭ. ھەر قانداق كىشى/ھادىسەگە ئەڭ ئالىي ھوقۇق تەمىنلىگەندە كومپيۇتېرغا زور خەۋپ كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

  • پەقەت زۆرۈر بولغان يىراقتىن زىيارەت مۇلازىمىتىنىلا قوزغىتىشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. SSH ياكى VNC بەزىدە ناھايىتى كېرەكلىك بولسىمۇ ئەمما كاپالەت يېتەرلىك بولمىسا كومپيۇتېرىڭىزغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئېىشىكىنى داغدام ئاچىدۇ. مۇداپىئە تامنىڭ ياردىمىدە كومپيۇتېرىڭىزغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىڭ.