ۋاكالەتچى تەڭشىكىنى بەلگىلەش

ۋاكالەتچى(proxy) دېگەن نېمە؟

تور ۋاكالەتچى مۇلازىمېتىر سىز كۆرۈدىغان تورنى سۈزىدۇ. ئادەتتە كارخانىلار ياكى ئاممىۋى قىزىق نۇقتىلاردا سىز كۆرەلەيدىغان تورتۇرانى تىزگىنلەش ئۈچۈن سۈزۈپ، تىزىمغا كىرمەيلا ئىنتېرنېتنى زىيارەت قىلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ياكى تورتۇراغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.

ۋاكالەتچىنى ئۆزگەرتىش

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تور نى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىنتور ۋاكالەتچىسى نى تاللايسىز.

  3. تۆۋەندىكى ۋاكالەتچى ئۇسۇللىرىدىن سىز ئىشلەتمەكچى بولغاننى تاللاڭ.

    يوق

    ئەپ بىۋاستە تورغا باغلىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ.

    قولدا

    ھەر بىر ۋاكالەتچى كېلىشىمىگە ۋاكالەتچى مۇلازىمېتىر ئادرېسى ۋە ئېغىز ئۇچۇرىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ كېلىشىملەر HTTP، HTTPS، FTP ۋە SOCKS.

    ئاپتوماتىك

    ھەر بىر url توغرا بولغان سىستېما ۋاكالەتچى تەڭشەك ئۇچۇرىنىڭ بىر ئادرېسىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋاكالەتچى تەڭشەك ھەر قايسى تورغا باغلىنىدىغان تاللانغان سەپلىمىنى ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا قوللىنىلىدۇ.