توغرا ئىمنى كىرگۈزدۈم، بىراق يەنە ئۇلانمىدى

سىمسىز تور ئىمى توغرا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ يەنىلا سىمسىز تورغا باغلىنالمىغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ:

  • ئىمىڭىزنىڭ تورغا ئىكەنلىكى قايتا-قايتا تەكشۈرۈڭ

    ئىملارنى چوڭ-كىچىك ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، شۇڭا كىرگۈزگەن ئىمدىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.

  • ئون ئالتىلىك ياكى ASCII ئىمنى سىناپ كۆرۈش

    سىز كىرگۈزگەن ئىمنى باشقا شەكىلدە ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ يەنى ئون ئالتەلىك ھەرپ تىزىقى (رەقەم 0-9 ۋە ھەرپ a-f). ئەگەر ئىم ياكى ئىم جۈملىسىنى زىيارەت قىلالىسىڭىز، ئىم كىرگۈزۈشنى سىناڭ.سىستېما ئىم سورىغاندا توغرا بولغان سىمسىز تور بىخەتەرلىك تاللانمىسى (مەسىلەن، ئەگەر WEP بىلەن شىفىرلانغان بولسا 40 ھەرپلىك ئىم كىرگۈزۈپ، WEP 40/128 بىتلىق ئاچقۇچنى تاللاڭ).

  • سىمسىز تور كارتىسىنى ئەتىپ ئاندىن يەنە قايتا ئېچىڭ

    بەزىدە سىمسىز تور كارتىسىدا كاشىلا كۆرۈلىدۇ ياكى تورغا باغلىنالماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. تور كارتىسىنى تاقاپ ئاندىن قايتا ئېچىپ ئەسلىگە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلاتىنى سىمسىز توردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دىن كۆرۈڭ.

  • سىمسىز توردا ئىشلەتكەن بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ تىپى توغرىمۇ تەكشۈرۈڭ

    سىمسىز تور بىخەتەرلىك ئىمنى كىرگۈزۈشنى ئەسكەرتكەندە، ئىشلىتىدىغان سىمسىز بىخەتەرلىك تىپىنى تاللىيالايسىز. يېتەكلىگۈچ ياكى سىمسىز تور ئىستانسىسى ئىشلەتكەن سىمسىز بىخەتەرلىك تىپىنى تاللىغانلىقىڭىزنى جەزملەڭ. كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا سىمسىز بىخەتەرلىك تىپىنى تاللايدۇ ئەمما بەزىدە نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تاللانمايدۇ. ئەگەر قايسى خىل بىخەتەرلىك تىپى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، ھەر بىر تاللانمىنى تەرتىپ بويىچە سىناپ بېقىڭ.

  • سىمسىز تور كارتىسىنى ياخشى قوللامدۇ يوق تەكشۈرۈڭ

    بەزى سىمسىز تور كارتىلىرىنى ياخشى قوللىمايدۇ. ئۇلار سىمسىز باغلىنىشنى كۆرسىتەلەيدۇ ئەمما قوزغاتقۇ ئىقتىدارىنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبىدىن تورغا باغلىنالمايدۇ. سىمسىز تور قوزغاتقۇنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدىغانغا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ ياكى قوشۇمچە تەڭشەش(باشقا مۇقىم دېتال ئورنىتىشقا ئوخشاش) ئېلىپ بارىدىغان بارمايدىغانلىقىڭىزنى جەزملەڭ. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى سىمسىز توردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دىن كۆرۈڭ.