تىزىملىك بالدىقىدا تور تىزىملىكى يوق

ئەگەر تىزىملىك بالدىقىدا تور تىزىملىكى يوق بولسا، پروگرامما تور باشقۇرغۇ ئىجرا بولمىغان بولىدۇ. ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن:

  1. Alt+F2 نى باسىسىز.

  2. nm-applet نى كىرگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.

  3. سىمسىز تور سالاھىيەت دەلىللەش رامكىسى قاڭقىپ چىقىدۇ. مۇناسىپ جايغا ئىمنى كىرگۈزۈپ باغلاننى چېكىڭ.

ئەگەر بۇ مەشغۇلات ئىناۋەتسىز بولسا تور باشقۇرغۇچتا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسلە كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىنى جەزملەش ئۈچۈن dash كە يۆتكىلىپ تېرمىنالنى ئېچىڭ. nm-applet نى كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىپ، تور تىزىملىكى كۆرۈنگەن كۆرۈنمىگەنلىكىنى كۆزىتىڭ. ئەگەر كۆرۈنمىگەن بولسا تېرمىنالدا بىر قىسىم خاتالىق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇ ئۇچۇرلار قانداق خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى سىزگە بىلدۈرىدۇ، قوللاش مۇنبىرىدە ياردەم ئىزدەڭ ھەمدە بۇ خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى دوكلات قىلىڭ.