كۆچمە كەڭ بەلباغ تورغا باغلىنىدۇ

كۆچمە كەڭ بەلباغ سىرتقى ئۈسكۈنە (3G USB تور كارتىسى ياكى ئىچكى HSPA/UMTS/GPRS سانلىق مەلۇمات باغلىنىشى بار كۆچمە تېلېفون) تەمىنلىگەن تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت باغلىنىشىدۇر. يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلغان قىسمەن يان كومپيۇتېرلارغا كۆچمە كەڭ بەلباغ ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلدى.

كومپيۇتېرغا باغلانغان كۆپ قىسىم كۆچمە كەڭ بەلباغ ئۈسكۈنىلىرىنى كومپيۇتېر ئۆزلۈكىدىن تونۇيدۇ. Ubuntu سىزگە ئۈسكۈنىنى سەپلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.

  1. ئۈسكۈنىگە باغلانغاندا يېڭى كۆچمە كەڭ بەلباغ باغلىنىش يېتەكچىسى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ.

  2. كېيىنكىنى چېكىپ تەپسىلاتىنى كىرگۈزۈڭ، كۆچمە كەڭ بەلباغنى تارقاتقان دۆلەت، تور مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ۋە باغلىنىش تىپى (مەسىلەن ئايلىق كۆتۈرە or ئالدىن ھەق تاپشۇرغان)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  3. باغلىنىشقا ئات قويۇپ قوللان نى چېكىسىز.

  4. باغلىنىش تەييار بولدى. باغلىنىش ئۈچۈن تىزىملىك بالداق تىكى تور تىزىملىكى نى چېكىسىز ۋە يېڭى باغلىنىشنى تاللايسىز.

  5. ئۈزۈش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈش نى تاللايسىز.

ئەگەر ئۈسكۈنە ئۇلانغاندا ئۈسكۈنە سەپلەشنى ئەسكەرتمىسە ئۇنداقتا ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈسكۈنىنى تونۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ئۈسكۈنىنى قولدا قوشسىڭىز بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكى نى چېكىپ باغلىنىشنى تەھرىرلەش... نى تاللايسىز

  2. كۆچمە كەڭ بەلباغ بەتكۈچكە ئالماشتۇرۇڭ.

  3. قوش نى چېكىسىز.

  4. بۇ چاغدا يېڭى كۆچمە كەڭ بەلباغ باغلىنىش يېتەكچىسىنى ئاچىدۇ. ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە تەپسىلاتىنى كىرگۈزۈڭ.