تور تەڭشىكىنى قولدا بەلگىلەش

ئەگەر كومپيۇتېردا تور تەڭشىكىنى ئاپتوماتىك بەلگىلىكى بولمىسا، تەڭشەكلەرنى قولدا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇندا، سىزنى تەڭشەك ئۇچۇرلىرىنى ئاللىقاچان بىلىدۇ دەپ قاراپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. ئەگەر زۆرۈر ئۇچۇرلارنى بىلمىسىڭىز تور باشقۇرغۇچىدىن سوراڭ، يېتەكچى(router) ياكى ئالماشتۇرغۇ(switch) نىڭ تەڭشىكىنى يېزىۋېلىڭ.

تور تەڭشىكىنى قولدا بەلگىلەش ئۈچۈن:

  1. تىزىملىك بالدىقىدىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن باغلىنىشنى تەھرىرلەش نى چېكىسىز.

  2. تەڭشىمەكچى بولغان تور باغلىنىشىنى ئاۋۋال بېكىتىۋېلىڭ. مەسىلەن: ئەگەر سىز تور سىمىنى ئۇلىغان بولسىڭىز سىملىق بەتكۈچىگە قاراڭ.

  3. تەھرىرلىمەكچى بولغان باغلىنىشنى چېكىپ، ئاندىن كېيىن تەھرىرلەش نى تاللاڭ.

  4. بەتكۈچ IPv4 تەڭشىكى دىكى ئۇسۇل نى قولدا غا ئۆزگەرتىڭ.

  5. قوشۇش نى بېسىپ، ئادرېس ئىستونىدىكى IP ئادرېس، تور ماسكىسى ۋە كۆڭۈلدىكى تور ئۆتكىلى ئادرېسى غا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلەرنى كىرگۈزۈڭ. ھەر بىر ئادرېسنى كىرگۈزۈپ بولغاندا Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

    ئۇچ ئادرېسنىڭ ھەممىسى چوقۇم «IP ئادرېس» بولۇشى كېرەك، يەنى چېكىت بىلەن ئايرىلغان 4 دانە سان(123.45.6.78) بولۇشى كېرەك.

  6. ئىشلىتىدىغان DNS مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ IP ئادرېسلىرىنى پەش بىلەن ئايرىپ كىرگۈزۈڭ(بىرىلا بولسا پەشنىڭ ھاجىتى يوق).

  7. ساقلاش نى چېكىڭ. ئەگەر تېخى تورغا ئۇلانمىغان بولسىڭىز، تىزىملىك بالداقتىكى تور سىنبەلگىسىنى چېكىپ ئۇلاڭ. تەڭشەكلەرنىڭ توغرا بولغانلىقىنى توربەتلىرىنى كۆرۈش ياكى ئىنتېرنېتتىكى ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتلەرگە قاراش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.