Flash قىستۇرمىسىنى ئورنىتىش

Flash بولسا توركۆرگۈنىڭ قىستۇرمىسى بولۇپ، ئۇنى ئورناتقاندىن كېيىن بىر قىسىم سىن ۋە ئوز-ئارا تەسىرلىشىدىغان تور بەتلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇ بولمىسا بەزى بىر تور بەتلىرىنى زادىلا كۆرگىلى بولمايدۇ.

ئەگەر Flash ئورنىتىلمىغان بولسا، شۇ پىروگراممىغا ئېھتىياجلىق تورتۇرانى زىيارەت قىلغاندا، سىز Flash ئورنىتىش ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرۈسىز. Flash نى ھەقسىز چۈشۈر(ئەمما ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ئەمەس)ەلەيسىز ھەمدە زور كۆپ ساندىكى توركۆرگۈچلەرگە ماس كېلىدۇ.

Flash نى ئورنىتىش ئۇسۇلى

  1. مەزكۇر ئۇلانما چېكىلسەيۇمشاق دېتال مەركىزى ئىجرا بولىدۇ.

  2. ئورنىتىش ئۈچۈن Flash كە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوقۇڭ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈڭ.

  3. ئەگەر ئورناتماقچى بولسىڭىز، يۇمشاق دېتال مەركىزىدىكى ئورنات نى چېكىڭ.

  4. ئەگەر ھەر قانداق توركۆرگۈ كۆزنىكىنى ئاچقان بولسىڭىز، مۇناسىپ كۆزنەكلەرنى تاقاپ ئاندىن قايتا ئېچىڭ. قايتا ئاچقاندا توركۆرگۈ Flash نىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقايدۇ، ھازىر Flash تە تور تۇرالارنى كۆرەلەيسىز.

Flash نىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوچۇق مەنبەلىك دېتال

بەزى ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللارنى Flash نىڭ ئورنىغا ئىشلىتەلەيسىز. بەزى ئىقتىدارلىرى Flash قىستۇرما (مەسىلەن، ئۈن قويۇشنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ياخشى) دىنمۇ ئەلا، ئەمما باشقا تەرەپلەردە ناچارراق (مەسىلەن تور بەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان Flash بەتنى كۆرسىتىشتە).

ئەگەر Flash چالغۇچتىن رازى بولمىسىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزدا ئامالنىڭ بېرىچە ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا باشقا يۇمشاق دېتاللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە تاللانما تەمىنلەندى: