مۇقىم IP ئادرېس بىلەن باغلىنىش قۇرۇش

سىز تورغا باغلانغاندا زور كۆپ قىسىم تور ئۆزلۈكىدىن كومپيۇتېرىڭىزغا IP ئادرېس ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى تەقسىملەپ بېرىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار مەلۇم مۇددەتتە يېڭىلىنىدۇ ئەمما سىز ھەر ۋاقىت كومپيۇتېرىڭىزنىڭ IP ئادرېسى(مەسىلەن، نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر ھۆججەت مۇلازىمېتىرى قىلىپ ئىشلىتىلگەندە)نى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا مۇقىم IP ئادرېس تەڭشىشىڭىز كېرەك.

كومپيۇتېرىڭ IP ئادرېسىنى مۇقىم(static) قىلىپ بەلگىلەش:

  1. تىزىملىك بالدىقىدىكى تور تىزىملىكىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن باغلىنىشنى تەھرىرلەش نى تاللايسىز.

  2. سىمسىز بەتكۈچىدىن ئۆزلۈكىدىن eth باغلىنىشىنى تاللاڭ ياكى سىمسىز تور بەتكۈچتىكى WiFi تورىڭىزدىن تەھرىر نى چېكىسىز.

  3. بەتكۈچ IPv4 تەڭشىكى دىكى ئۇسۇل نى قولدا غا ئۆزگەرتىڭ.

  4. ئەگەر ئادرېس تىزىمىدا ھېچقانداق باغلىنىش ئۇچۇرى كۆرۈنمىگەن بولسا ياكى يېڭى باغلىنىش تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، قوشنى چېكىڭ.

  5. مۇناسىپ رامكىغا IP ئادرېس، تور ماسكىسى ۋە تور ئۆتكەل ئۇچۇرىنى كىرگۈزڭ.سىزنىڭ بۇ تاللانمىلارنى تاللىشىڭىز تور تەڭشىكىگە باغلىق بولىدۇ، بەزى ئالاھىدە قائىدىلەر قايسى IP ئادرېس ۋە تارماق تور ماسكىسى بېرىلگەن تورغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  6. ئەگەر زۆرۈر بولسا DNS مۇلازىمېتىر رامكىسىغا DNS مۇلازىمېتىر ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ. بۇ DNS مۇلازىمېتىرنىڭ IP ئادرېسىنى ئىزدەش ئۈچۈندۈر؛ كۆپ قىسىم شىركەت تورى ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەخسۇس DNS مۇلازىمېتىرى بولىدۇ.

  7. ساقلانى چېكىڭ. تور باغلىنىشىنىڭ IP ئادرېسى ئوڭشىلىشى مۇمكىن.