ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تور ئېغىزلىرى

بۇ تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپلەر(مەسىلەن، ھۆججەت ھەمبەھىر ياكى يىراقتىكى ئۈستەلنى كۆرۈش پىروگراممىسى) كۆپ ئىشلىتىدىغان تور ئېغىزىنىڭ تىزىمى. سىز مۇداپىئە تامنى ئۆزگەرتىپ بۇ ئەپلەرنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇش ياكى چەكلەش ئېلىپ بارالايسىز. ئىشلىتىدىغان ئېغىزدىن نەچچە مىڭى بار شۇڭلاشقا بۇ تىزىم ھەممە ئېغىزنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئېغىز

ئاتى

چۈشەندۈرۈش

5353/udp

mDNS، Avahi

سىستېمىنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنى بايقىشىغا يول قويىدۇ ھەمدە ئۇلار تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى چۈشەندۈرىدۇ، تەپسىلاتىنى قولدا بەلگىلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

631/udp

بېسىش

توردىكى پرىنتېردا بېسىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

631/tcp

بېسىش

پرىنتېرىڭىزنى توردىكى باشقا ئىشلەتكۈچى بىلەن ھەمبەھىر ئىشلىتەلەيسىز.

5298/tcp

ئەھۋالى

مۇڭداشقۇدا باشقا كىشىلەرگە ئۆزىڭىزنىڭ «توردا» ياكى «ئالدىراش» دېگەندەك ھالىتىڭىزنى بىلدۈرەلەيسىز.

5900/tcp

يىراقتىكى ئۈستەلئۈستى

ئۈستەلئۈستىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە ئىجازەت بېرىدۇ ياكى باشقىلار يىراقتا تۇرۇپ ياردەم بېرىدۇ.

3689/tcp

مۇزىكا ھەمبەھىرلەش (DAAP)

مۇزىكا ئامبىرىڭىزنى توردىكى باشقا ئىشلەتكۈچى بىلەن ھەمبەھىر ئىشلىتەلەيسىز.