مۇداپىئە تام زىيارىتىنى قوزغىتىش ياكى توسۇش

ئۇبۇنتۇغا Uncomplicated Firewall (ufw) سەپلەنگەن، ئەمما كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا بۇ مۇداپىئە تامنى قوزغاتمايدۇ. ئۇبۇنتۇدا ھېچقانداق ئوچۇق تور مۇلازىمىتى (ئاساسىي تور قۇرۇلمىسى بۇنىڭ سىرتىدا) بولمىغانلىقتىن كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ئورناتقاندا، مۇداپىئە تام ئارقىلىق زەھەرخەندە مەقسىتى بار باغلىنىشنى توسۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

پروگرامما ufw نى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ تەپسىلاتىنى تور قوللانمىسى دىن كۆرۈڭ.

تور توسۇقىنى ئېچىش ۋە تاقاش

تور توسۇقىنى ئېچىش(ئىناۋەتلىك قىلىش) ئۈچۈن، تېرمىنالدىكى بۇيرۇق قۇرىغا sudo ufw enable نى كىرگۈزۈڭ. ئىناۋەتسىز قىلىش ئۈچۈن sudo ufw disable نى كىرگۈزۈڭ.

بەلگىلەنگەن تور مەشغۇلاتىغا ئىجازەت بېرىش ياكى چەكلەش

Many programs are built to offer network services. For instance, you can share content, or let someone view your desktop remotely. Depending on which additional programs you install, you may need to adjust the firewall to allow these services to work as intended. UfW comes with a number of rules already pre-configured. For instance, to allow SSH connections, enter sudo ufw allow ssh in a terminal. To block ssh, enter sudo ufw block ssh.

مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەر بىر پىروگرامما مۇئەييەن بىر تور ئېغىزى ئىشلىتىدۇ. شۇ پىروگراممىنىڭ مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشتا مۇداپىئە تام سەپلىمىسىدە ئۇنىڭ مۇناسىپ ئېغىزنى تەقسىملەپ بېرىپ زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئېغىز 53 نى زىيارەت قىلشقا يول قويسىڭىز تېرمىنالغا sudo ufw allow 53 نى كىرگۈزۈڭ. چەكلىسىڭىز تېرمىنالغا sudo ufw block 53 نى كىرگۈزۈڭ.

ھازىرقى ھالەتنى(ufw نىڭ) كۆرۈش ئۈچۈن، تېرمىنالدا sudo ufw disable نى كىرگۈزۈڭ.

ufw نى تېرمىنالسىز ئىشلىتىش

ئەگەر gufw نى ئورناتسا تور توسۇقنى تېرمىنال ئىشلەتمەي تەڭشەشكە بولىدۇ. ئۇنى ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

سىز Dash تىن مۇداپىئە تام سەپلىمىسىنى ئىزدەپ بۇ پىروگراممىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. مۇداپئە تام ئىشلىگەندە، بۇ پىروگراممىنى ئېچىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق.