IP ئادرېسنى ئىزدەپ تېپىش

ئۆزىڭىزنىڭ IP ئادرېسىنى بىلىش ئىنتېرنېت تور باغلىنىش كاشىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز بىلىدىغان IP ئادرېستىن ئىككىسى بار: بىر گۇرۇپپا IP ئادرېس كومپيۇتېرىڭىزنىڭ يەرلىك توردىكى ئورنى، يەنە بىر گۇرۇپپا IP ئادرېس كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئورنىدۇر.

ئىچكى(تور) IP ئادرېسىنى تېپىش ئۇسۇلى:

  1. تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكى نى چېكىسىز.

  2. باغلىنىش ئۇچۇرلىرى نى تاللايسىز.

  3. ئىچكى IP ئادرېسىڭىز IP Address دېگەن يەردە كۆرۈنىدۇ.

باغلىنىش ئۇچۇرلىرى كۆزنىكىنى ياپ نى چېكىپ ياپىسىز.

سىرتقى(ئىنتېرنېت) IP ئادرېسىنى ئىزدەپ تېپىش:

  1. whatismyipaddress.com نى زىيارەت قىلىڭ.

  2. بۇ تورتۇرا سىزنىڭ سىرتقى IP ئادرېسىڭىزنى دەپ بېرىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ تورغا باغلىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ ئادرېس ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن.