ئېلخەتلەردىكى ۋىرۇسلارنى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

ۋىرۇس دېگىنىمىز كومپيۇتېرنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قولىغا ئېلىۋالسا مەسىلە پەيدا قىلىدىغان پروگراممىدۇر. ۋىرۇسلار ئادەتتە كۆپرەك ئېلخەت ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ۋىرۇسنىڭ Linux كومپيۇتېرغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك شۇڭلاشقا سىز ئادەتتە ئېلخەت ياكى باشقا ئۇسۇلدا ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالمايسىز.. ئەگەر ۋىرۇس بار ئېلخەتنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز، ئادەتتە كومپيۇتېرىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە ئېلخەتتىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.

شۇنداقتىمۇ ۋىرۇسنى باشقىلارغا كۆچۈرۈپ يوللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېلخەتتىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەڭ. مەسىلەن، ئەگەر بىر دوستىڭىزنىڭ Windows كومپيۇتېرىدا ۋىرۇس بولسا ھەمدە سىزگە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئېلخەتنى ئەۋەتكەن بولسا ئاندىن سىز شۇ ئېلخەتنى باشقا بىر Windows كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان دوستىڭىزغا ئۇلاپ يوللىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا كېيىنكى دوستىڭىزنىڭ كومپيۇتېرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋىرۇسخور ئورنىتىپ ئېلخەتنى تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ ئەمما بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايدۇ، كۆپىنچە Windows ۋە Mac OS ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخور پىروگراممىسى بار.