سىمسىز باغلىنىشنى تەھرىرلەش

بۇنىڭدا سىمسىز تور باغلىنىشىنى تەھرىرلەشتە زۆرۈر بولغان بارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. باغلىنىشنى تەھرىرلەش ئۈچۈن تىزىملىك بالداقتىكى تور تىزىملىكى نى چېكىپ، ئاندىن باغلىنىشلارنى تەھرىرلە نى تاللاڭ.

تەڭشەكلەرنى كۆڭۈلدىكى قىممىتى بىلەن قويۇپ قويسىمۇ نۇرغۇن تورلار نورمال ئىشلەۋېرىدۇ، شۇڭا تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. كۆپ قىسىم تاللانمىلار تورنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.

بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەتسۇن / ئاپتوماتىك باغلىنىش

ئاپتوماتىك باغلىنىش

ئەگەر كومپيۇتېر مەزكۇر سىمسىز تورنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ھامان ئاپتوماتىك ئۇلىنىشىنى خالىسىڭىز بۇ تاللانمىسىنى تاللاڭ.

ئاپتوماتىك باغلىنىش قىلىپ تەڭشەلگەن بىر قانچە تور دائىرە ئىچىدە بار بولۇپ قالسا، سىمسىز بەتكۈچىنىڭ تور باغلىنىشلىرى دېگەن كۆزنەكتىكى بىرىنچىسىغا باغلىنىدۇ. دائىرە ئىچىدە باشقا بىر ئىشلەتكىلى بولىدىغان تور پەيدا بولسا، ھەرگىزمۇ ھازىر باغلىنىۋاتقىنىدىن ئۈزۈلۈپ ئۇنىغا باغلانمايدۇ.

بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەتسۇن

ئەگەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىدىغان بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ سىمسىز تورنى زىيارەت قىلسۇن دېسىڭىز، بۇنى تاللاڭ. ئەگەر سىمسىز تورنىڭ WEP/WPA ئىمى بار بولۇپ، سىز بۇنى تاللىغان بولسىڭىز، ئىمنى بىرلا قېتىم كىرگۈزۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئىم بارلىقىنى بىلمەيلا بۇ تورنى ئىشلىتەلەيدۇ.

ئەگەر بۇ تاللانسا، سىز چوقۇم باشقۇرغۇچى بولۇشىڭىز كېرەك. بولمىسا بۇ تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. سىزدىن باشقۇرغۇچىنىڭ ئىمىنى سورىشى مۇمكىن.

سىمسىز

SSID

بۇ سىز باغلىنىۋاتقان سىمسىز تورنىڭ ئاتى بولۇپ، Service Set Identifier نىڭ قىسقارتىلمىسى. ئەگەر سىمسىز يېتەكلىگۈچ ياكى ئاساسىي ئىستانسىنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، بۇ يەرنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ.

ھالىتى

بۇ كومپيۇتېرنىڭ Infrastructure تورىغا (كومپيۇتېرلارنىڭ بىر مەركىزى سىمسىز تور ئۈسكۈنىسىگە باغلىنىشى) باغلىنىدىغانلىقىنى ياكى Ad-hoc تورىغا (مەركىزى سىمسىز تور ئۈسكۈنىسى يوق، ئىككى كومپيۇتېر بىۋاسىتە باغلىنىشى) باغلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەھۋالدا Infrastructure تورىغا باغلىنىدۇ. ئەلۋەتتە خالىسىڭىز كومپيۇتېرنى ad-hoc تورىغا باغلىنىدىغان قىلىپ ئۆزىڭىز تەڭشىيەلەيسىز..

ئەگەر Ad-hoc تاللانسا، ئىككى تاللانمىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. بىرى بەلۋاغ(Band) يەنە بىرى قانال(Channel). بۇ ئىككىسى ئارقىلىق سىمسىز ad-hoc تورىدا ئىشلىتىدىغان چاستوتا بەلۋېغى بەلگىلىنىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلار مەلۇم بەلۋېغىدىلا ئىشلەيدۇ(مەسىلەن: پەقەت A ياكى B/G دىلا). شۇڭا ئىككىلا كومپيۇتېردا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بەلۋاغنى تاللىمىسا بولمايدۇ. بەزى تور قىستاڭچىلىقى بار يەرلەردە بىر قانچە سىمسىز تور ئوخشاش قانالنى تەڭ ئىشلىتىدىغان ئەھۋال بار. بۇنداقتا تور سۈرىتى ئاستا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئىشلىتىدىغان قانالنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدۇ.

BSSID

بۇ ئاساسىي مۇلازىمەت كىملىكى(Basic Service Set Identifier). SSID نى ئادەملەر چۈشىنىدۇ. BSSID نى بولسا كومپيۇتېر چۈشىنىدۇ(ئۇ رەقەملەردىن تەركىب تاپقان تېكىست بولۇپ، سىمسىز تورنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ). ئەگەر سىمسىز تور يوشۇرۇن بولسا، ئۇنىڭ SSID سى بولمايدۇ، بىراق BSSID سى بولىدۇ.

ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى

تور ئۈسكۈنىسىنىڭ MAC ئادرېسى بولسا، تور ئۈسكۈنىسىنى پەرق قىلىشتا ئىشلىتىدىغان نومۇر(كود)دۇر(سىمسىز تور كارتىسى، Ethernet تور كارتىسى، تور يېتەكچىسى(router) نىڭ MAC ئادرېسى بولىدۇ). بۇ MAC ئادرېسىنى ئۇنى ئىشلىگەن زاۋۇتلار بېكىتىدۇ.

بۇ تاللانما تور كارتىڭىزنىڭ MAC ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

كلونلانغان MAC ئادرېس

تور قاتتىق دېتالىنىڭ MAC ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بەزى يەرلەردە بەلگىلەنگەن MAC ئادرېسى بولغان ئۈسكۈنىلەرنىڭلا باغلىنىشىغا ئىجازەت بېرىدىغان قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنداق ۋاقىتتا MAC ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسە، باغلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز كلونلانغان MAC ئادرېس كۆزنەكچىسىگە MAC ئادرېسنى كىرگۈزۈپ قويسىڭىز، ئۈسكۈنە ياكى مۇلازىمەت ھەقىقىي MAC ئادرېسىنى ئەمەس، مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ.

MTU

بۇ تەڭشەك ئارقىلىق ئەڭ چوڭ يەتكۈزۈش بىرلىكى نى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەڭ چوڭ يەتكۈزۈش بىرلىكى بولسا توردا يەتكۈزۈلىدىغان ئەڭ چوڭ سانلىق-مەلۇمات توپىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. توردا ھۆججەتلەرنى ئەۋەتكەندە سانلىق-مەلۇماتلار كىچىك-كىچىك توپلارغا(بوغچىمىلارغا) پارچىلىنىدۇ. مەزكۇر MTU مۇۋاپىق بەلگىلەنمىسە بوغچىمىلار يوقىلىپ كېتىدىغان(توردىكى كاشىلا سىگنالىنىڭ تۈپەيلىدىن) ياكى تور سۈرىتى ئاستا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

سىمسىز تورنىڭ بىخەتەرلىكى

بىخەتەرلىك

بۇ سىمسىز توردا ئىشلىتىدىغان شىفىرلاش نىڭ تىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاقىدە شىفىرلاش ئىشلىتىلسە،باشقىلار ئارىلىشىۋېلىپ سانلىق-مەلۇماتلارنى كۆرەلمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قانداق تور بەتلىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزنى باشقىلار «كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ».

بەزى شىفىرلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، بىر قىسىم كونا سىمسىز تور ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئادەتتە باغلىنىش ئۈچۈن ئىم كىرگۈزۈش زۆرۈردۇر. بەزى پىشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە ئىشلەتكۈچى ئاتى بىلەن رەقەملىك «ئىسپاتنامە» زۆرۈردۇر. كۆپ ئىشلىتىدىغان سىمسىز شىفىرلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە WEP ۋە WPA دېگەنلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ گە قارالسۇن.

IPv4 تەڭشەكلىرى

بۇ بەتكۈچتە كومپيۇتېرنىڭ IP ئادرېسى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان DNS مۇلازىمېتىرلىرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ۋە بەلگىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇسۇل(Method) نى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ:

ئاپتوماتىك(DHCP)

IP ئادرېس بىلەن DNS مۇلازىمېتىرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى DHCP مۇلازىمېتىرى دىن ئالىدۇ. DHCP مۇلازىمېتىرى بولسا تورغا چېتىلغان، كومپيۇتېرىڭىز تۇنجى قېتىم باغلىنىدىغان، كومپيۇتېرىڭىز ئىشلىتىدىغان تور تەڭشەكلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان كومپيۇتېردۇر (ياكى تور يېتەكچىسى(router)). ئۇ بەلگىلەپ بەرگەن تەڭشەكلەر ئادەتتە توغرا بولىدۇ. بۇ كۆپلىگەن تورلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

پەقەت ئاپتوماتىك(DHCP) ئادرېسلار

بۇنى تاللىسا، كومپيۇتېر IP ئادرېسنى DHCP مۇلازىمېتىرىدىن ئالىدۇ. بىراق باشقا ئۇچۇرلارنى(DNS مۇلازىمېتىرى دېگەندەكلەرنى) قولدا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.

قولدا

بۇنى تاللىغاندا تورغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى قولدا تەڭشىمىسە بولمايدۇ.

پەقەت Link-Local

يەرلىك باغلىنىش توردىكى كومپيۇتېرلارنى بىر بىرىگە باغلايدىغان بىر خىل ئۇسۇل ئەمما DHCP مۇلازىمىتىر ياكى قولدا IP ئادرېس ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز. ئەگەر يەرلىك تورغا باغلانغان باغلىنىش، توردىكى كومپيۇتېرغا ئىشلىتىدىغان IP ئادرىس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىر قانچە كومپيۇتېرنى ۋاقىتلىق باغلاپ ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرماقچى بولغاندا بۇ تاللانما ناھايىتى قولايلىق.

چەكلەنگەن

بۇ تاللانما تور باغلىنىشىنى چەكلەپ يەرلىك تورغا باغلىنىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىققەت IPv4 ۋە IPv6 بىر تور كارتىسىغا ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ مۇستەقىل باغلىنىش دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئارىسىدىن بىرى قوزغىتىلغان بولسا يەنە بىرىنى چەكلىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

IPv6 تەڭشەكلىرى

بۇ IPv4 بەتكۈچىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ئەڭ يېڭى بولغان IPv6 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىدۇ. يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان تورلار IPv6 نى ئىشلىتىدۇ، ئەمما IPv4 يەنىلا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.