ئېلخەت يېزىشتا ئىشلىتىدىغان ئېلخەت پروگراممىسىنى ئۆزگەرتىش

ئېلخەت ئەۋەتىدىغان توپچا ياكى ئۇلانما چېكىلسە، ئادەتتە كۆڭۈلدىكى ئېلخەت پروگراممىسى ئېچىلىپ، ئېلخەت يېزىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېردا بىر قانچە ئېلخەت پروگراممىسى بار بولسا، سىز ياخشى كۆرمەيدىغىنى ئېچىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى ئېلخەت پروگراممىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تەپسىلاتلار نى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىنكۆڭۈلدىكى پروگراممىلار نى تاللايسىز.

  3. كۆڭۈلدىكى ئېلخەت خېرىدار پروگراممىسىنى تاللاش ئۈچۈن ئېلخەت تاللانمىسىنى ئۆزگەرتىڭ.