كۆڭۈلدىكى توركۆرگۈ تاللانمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ

ھەر قانداق ئەپتىكى تور بەت ئۇلانمىسى چەككەندە، توركۆرگۈ ئۆزلۈكىدىن مۇناسىپ بەتنى ئاچىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر كۆپ توركۆرگۈ ئورنىتىلغان بولسا ، شۇ بەت كۆڭۈلدىكى توركۆرگۈدە ئېچىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈنى ئۆزگەرتىڭ:

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تەپسىلاتلار نى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىنكۆڭۈلدىكى پروگراممىلار نى تاللايسىز.

  3. ئۇلانمىلارنى ئاچىدىغان توركۆرگۈنى تاللاش ئۈچۈن تور تاللانمىسىنى ئۆزگەرتىڭ.

يەنە بىر توركۆرگۈ ئېچىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈ ئەمەسلىكى ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقسا ۋاز كەچ (ياكى شۇنىڭدەك ) توپچىنى بېسىۋەتسىڭىز، ئۇ كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈ بولمايدۇ.