ئۈستەلئۈستىدىكى ئىجتىمائىي تور

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۈستەلئۈستىدە تۇرۇپلا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يازما يازالايسىز. ئۇبۇنتۇدىكى Gwibber پروگراممىسى بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ پروگراممىدا بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى بىرلا يەردە باشقۇرغىلى، توركۆرگۈنى ئاچمايلا مەن تىزىملىكى(Me Menu) دىن يازما يوللاشقا بولىدۇ.

ئىجتىمائىي تور ھېساباتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن:

  1. تىزىملىك بالداقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇڭداشقۇ تىزىملىكى نى چېكىسىز.

  2. تارقىتىش ھېساباتى بېكىتىش... نى چېكىسىز

  3. تىزىمدىن ئىجتىمائىي تورتۇرانى تاللاپ قوش نى چېكىسىز

  4. كىملىك دەلىللە نى چېكىپ، ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىلا بولىدۇ.

ھازىر سىز ئەڭ ئۈستىدىكى قورال بالداقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇڭداشقۇ تىزىملىكى دىن ئاڭلىتىش بۆلىكىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور ئۇچۇرىنى كۆرۈڭ. شۇ بۆلەكتىكى ھەر قانداق تۈرنى چەكسىڭىز Gwibber نى ئېچىپ، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئۇچۇرنى ئوقۇپ ياكى تارقىتالايسىز.

پروگرامما Gwibber PDF قوللانمىسىنى Gwibber تورتۇراسىدىن چۈشۈرەلەيسىز.