ئۇبۇنتۇدا Skype نى قانداق ئىشلىتىدۇ؟

Skype شەخسىي(ئىگىسى بار) يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئىنتېرنېتتا ئاۋازلىق، سىنلىق مۇڭدىشىشقا ۋە تېلېفون قىلىشقا بولىدۇ.

Skype مەركەزسىز نۇقتىدىن-نۇقتىغا باغلىنىش تېخنىكىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئالاقىڭىز مەركىزى مۇلازىمېتىردىن ئۆتمەيدۇ بەلكى، تارقاقلاشتۇرۇلغان مۇلازىمېتىر ۋە باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىدىن ئۆتىدۇ.

Skype نى ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز، بىراق ئۇ ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئەمەس. ئۇنىڭ ئەسلى كودىنىڭ ئىگىسى بار، ئۇنىڭ ئەسلى كودىنى تۈزەتكىلى بولمايدۇ(ئىگىسىدىن باشقىلار تۈزىتەلمەيدۇ).

ئادەتتە Skype ئۇبۇنتۇغا ئورنىتىلمىغان. ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن skype بوغچىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

Skype نى ئورنىتىش ئۈچۈن Canonical Partner Repository نى ئىناۋەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.