ئۇبۇنتۇدىكى مۇڭداشقۇلار

سىز Empathy دېگەن پروگراممىنى ئىشلىتىپ، Google Talk، AIM، Windows Live ۋە باشقا مۇڭداشقۇلارنى ئىشلىتىدىغان دوست، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن توردا مۇڭدىشالايسىز. مىكروفون بىلەن كامېرا كومپيۇتېرغا چېتىلغان بولسا ئاۋازلىق ۋە سىنلىق كۆرۈشەلەيسىز.

مۇڭداشقۇ دېتالى Empathy ئۇبۇنتۇدا ئورنىتىلغان ھالەتتە. ئۇنى باش تاختا تىكى Empathy مۇڭداشقۇ نى چېكىپ، ئىجراچى ئارقىلىق ياكى مۇڭداشقۇ تىزىملىكى دىن ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

سىز مۇڭداشقۇدا نۆۋەتتىكى ھالىتىڭىزنى (بىكار، يوق، ئالدىراش دېگەندەك) ئۆزگەرتەلەيسىز. ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇچۇر تىزىملىكى نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

ياردەمگە (Empathy ھەققىدە) ئېرىشمەكچى بولسىڭىز Empathy قوللانمىسى نى ئوقۇڭ.