ۋىرۇسخورنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

سىز Windows ۋە Mac OS ئىشلەتكەن بولۇشىڭىز ۋە ئۇنىڭدا ۋىرۇسخورنى ھەمىشە ئىجرا قىلىپ قويغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ۋىرۇسخورلار ھەمىشە ئارقىدا تۇرۇپ ئىجرا بولىدۇ ۋە توختاۋسىز ۋىرۇسلارنىڭ كومپيۇتېرغا كىرىشى ۋە مەسىلە پەيدا قىلىشىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

لىنۇكىس ئۈچۈن ۋىرۇسخور مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. لىنۇكىسقا يۇقىدىغان ۋىرۇسلار بەكلا ئاز. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە، بەزىلەر لىنۇكىس باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىغاندا كوپ ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا يۇقىدىغان ۋىرۇس يازىدىغانلار كوپ ئەمەس دېسە، بەزىلەر لىنۇكىس بەكلا بىخەتەر، ۋىرۇسلار پايدىلىنىدىغان بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ناھايىتى تېزلا تۈزىتىلىدۇ، شۇڭا ۋىرۇس ئاز دەيدۇ.

مەيلى قايسىسى توغرا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، نۆۋەتتە لىنۇكىستا ۋىرۇس ئىنتايىن ئاز شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

ئەگەر تېخىمۇ بىخەتەر بولسۇن، ياكى ھۆججەتلەرنى Windows ياكى Mac OS بىلەن كۆپرەك ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتەتتىم، شۇڭا ئەنسىرەيمەن دېگۈچىلەر بولسا، ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى گە قاراپ باقسا بولىدۇ. بۇ يەردە بىر قانچە ۋىرۇسخور بار.