سىمسىز قىزىق نۇقتا قۇرۇش

كومپيۇتېرىڭىزنى سىمسىز قىزىق نۇقتا قىلىپ قۇرالايسىز. باشقا ئۈسكۈنىلەر كومپيۇتېرىڭىزغا باغلىنالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ سىملىق ياكى كۆنەكسىمان (كۆچمە تېلېفون) توردىن ئورتاق پايدىلىنالايسىز.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تور نى ئېچىپ سول تەرەپتىكى سىمسىز نى تاللايسىز.

  3. قىزىق نۇقتا سۈپىتىدە ئىشلەت توپچىنى چېكىڭ.

  4. ئەگەر بىر سىمسىز تورغا باغلىنىپ بولغان بولسىڭىز، سىستېما توردىن ئۈزۈش ياكى ئۈزمەسلىكنى سورايدۇ. يەككە سىمسىز تور كارتىسى پەقەت بىرلا سىمسىز تورغا باغلىنالايدۇ ياكى ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ. قىزىق نۇقتا قۇر نى چېكىپ جەزملەيسىز.

سىستېما ئۆزلۈكىدىن بىر تور ئاتى (SSID) ۋە بىر شىفىرلىق ئاچقۇچ ھاسىل قىلىدۇ. SSID كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاتى بولىدۇ. باشقا ئۈسكۈنىلەر SSID ۋە شىفىرلىق ئاچقۇچ ئارقىلىق سىز قۇرغان سىمسىز قىزىق نۇقتىغا باغلىنىدۇ.