قىسقۇچ خەتكۈشىنى تەھرىرلەش

خەتكۈشلەر ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ خەتكۈشلەر تىزىملىكىدە بولىدۇ.

بىر دانە خەتكۈشنى ئۆچۈرۈش:

  1. خەتكۈشلەر ◂ خەتكۈشلەرنى تەھرىرلەش نى چېكىسىز.

  2. خەتكۈشلەرنى تەھرىرلەش كۆزنىكىدە ئۆچۈرمەكچى بولغان خەتكۈشنى تاللاپ ئۆچۈر نى چېكىسىز.

  3. ياپ نى چېكىسىز.

خەتكۈش قوشۇش:

  1. خەتكۈشكە قوشماقچى بولغان قىسقۇچ(ئورۇن) نى ئاچىسىز.

  2. خەتكۈشلەر ◂ خەتكۈش قوش نى چېكىسىز.

خەتكۈش ئاتىنى ئۆزگەرتىش:

  1. خەتكۈشلەر ◂ خەتكۈشلەرنى تەھرىرلەش نى چېكىسىز.

  2. خەتكۈشلەرنى تەھرىرلەش كۆزنىكىدە ئاتىنى ئۆزگەرمەكچى بولغان خەتكۈشنى تاللايسىز.

  3. ئاتى دېگەن تېكىست كۆزنەكچىسىگە خەتكۈشنىڭ يېڭى ئاتىنى كىرگۈزىسىز.

    خەتكۈشنىڭ ئاتى ئۆزگەرتىلگەن بىلەن قىسقۇچنىڭ ئاتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئاتى ئوخشاش بولغان بىراق قىسقۇچ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خەتكۈش بار بولسا ئۇنى پەرق قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا خەتكۈشكە ئامال بار ئوخشىمىغان ئاتلارنى قويغان ياخشى.