ئۈنقويغۇنى چاتسام نېمىشقا ئۇنى تونۇمايدۇ؟

ئەگەر سىز ئۈن قويغىنى (MP3 qoyghu digendek) كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇلاپ، نەغمە ئورۇنلاشتۇرغۇچى پروگراممىڭىزدا كۆرۈنمىسە، ئۇنى نورمال ھالدا ئۈن قويغۇ دەپ تونۇمىغان بولىدۇ.

قويغۇچنى چىقىرىپ قايتا چېتىپ سىناپ بېقىڭ، ئەگەر ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا، ھۆججەت باشقۇرغۇچىنى ئېچىڭ. ئۈسكۈنە دېگەن يان كۆزنەكتە قويغۇچنى كۆرىسىز، قويغۇچنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىنى ئېچىڭ. ھۆججەت ◂ يېڭى ھۆججەت ◂ قۇرۇق ھۆججەت دېگەن تەرتىپتە چېكىڭ، .is_audio_player دەپ كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىڭ (چېكىت ۋە ئاستىنقى سىزىق مۇھىم بولۇپ، ھەممىسى كىچىك ھېرىپ بولۇشى كېرەك). بۇ ھۆججەت سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا بۇ ئۈسكىنىڭ ئۇن قويغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھۆججەت باشقۇرغۇچىدىن ئۈن قويغىنى تىپىڭ ھەمدە چىقىرىۋېتىڭ (ئوڭ تەرەپنى چېكىڭ ھەمدە Eject نى چېكىڭ). چىقىرىپ قايتا چىتىڭ. بۇ قېتىم نەغمە ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۈن قويغۇ بولۇپ تونۇلۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا نەغمە قويغىنى تاقاپ قايتا ئېچىپ كۆرۈڭ.

بۇ قوللانمىلار iPods ۋە باشقا ئۈن قويغۇچىدا ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قويغۇچىڭىز USB Mass Storage ئۈسكۈنىسى بولسا ئۇلارغا قارتا ئىشلەيدۇ، ئەگەر ئۇلار شۇ تىپتىكى ئۈسكۈنە بولسا ئۇلارنىڭ قوللانمىسىدا ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ.

سىز ئۈن قويغۇچنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىغا قايتىپ قارىغىنىڭىزدا .is_audio_player دېگەن ھۆججەتنى كۆرمەيسىز. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ھۆججەت ئىسمىدىكى چېكىت ھۆججەت باشقۇرغۇچىغا ھۆججەتنى يوشۇرۇشنى بىلدۈردى. ئەگەر كۆرمەكچى بولسىڭىز كۆرۈش ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرسەت تەرتىپىدە چەكسىڭىز بولىدۇ.