مەندىكى يېڭى iPod ئىشلىمىدى

ئەگەر سىزدە ئەزەلدىن كومپيۇتېرغا چېتىپ باقمىغان iPod بولسا، Linux كومپيۇتېرىغا چاتقاندا نورمال تونۇشقا ئىمكان بولماي قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى iPod نى Windows ۋە Mac OS X دىلا ئىشلەيدىغان iTunes دېتالىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەڭشەش ۋە يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

iPod نى تەڭشەش ئۈچۈن، Windows ياكى Mac كومپيۇتېرىغا iTunes نى قاچىلاڭ. تەڭشەش ئۈچۈن بىر قانچە باسقۇچنى بېسىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەن فورماتى نى تەلەپ قىلغاندا MS-DOS (FAT) ، Windows ياكى ئوخشاپ كېتىدىغىنى تاللاڭ. باشقا فورماتلار Linux تا ئىشلىمەيدۇ.

تەڭشەش تاماملىنىپ، iPod نى Linux كومپيۇتېرىغا چاتقاندا نورمال ئىشلىشى كېرەك.