ناخشىلارنى كۆچۈرگەندە ناخشىلار iPod دا كۆرۈنمىدى

سىز iPod كومپيۇتېرىڭىزغا چاتقاندا ، iPod سىزنىڭ مۇزىكا قويغۇچى پروگراممىڭىزدا ۋە ھۆججەت باشقۇرغۇدا كۆرۈنىدۇ( قوزغاتقۇچى دىكى ھۆججەت پروگرامما). چوقۇم نەغمە قويغۇ ئارقىلىق ناخشىلارنى iPod قا كۆچۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھۆججەت باشقۇرغۇچى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز، ناخشىلار توغرا بولغان ئورۇنغا قويۇلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. iPod دا ناخشىلارنى قويىدىغان ئالاھىدە ئورۇن بولىدىغان بولۇپ نەغمە قويغۇچى پروگراممىسى بۇنى بىلىدۇ، ھۆججەت باشقۇرغۇچى بولسا بىلمەيدۇ.

iPod نى چىقىرىۋېلىشتىن بۇرۇن ناخشىلارنىڭ كۆچۈرۈپ بولۇشىنى ساقلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. iPod نى چىقىرىۋېلىشتىن بۇرۇن بىخەتەر چىقىرىش نى تاللاش ئارقىلىق چىقىرىشقا دىققەت قىلىڭ. بۇ سىزنىڭ ھەممە ناخشىلىرىڭىزنىڭ نورمال كۆچۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

iPod تا نېمە ئۈچۈن ناخشىلارنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق سىز ئىشلىتىۋاتقان نەغمە قويغۇ ناخشىنى بىر فورماتتىن يەنە بىر فورماتقا ئايلاندۇرۇشنى قوللىمايدىغانلىقىدىن. ئەگەر سىز iPod قوللىمايدىغان ئاۋاز فورماتىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز (مەسىلەن،Ogg Vorbis (.oga) ھۆججىتى)، مۇزىكا قويغۇ بۇ فورماتنى iPod قوللايدىغان MP3 دېگەندەك فورماتقا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ، ئەگەر ئايلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولغان يۇمشاق دېتال(codec ياكى encoder دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئورنىتىلمىغان بولسا، نەغمە قويغۇ ئايلاندۇرالمايدۇ شۇنداقلا ناخشىلارنى كۆچۈرەلمەيدۇ.