توردىكى مۇزىكا دۇكىنىدىن سېتىۋالغان ناخشىنى قويالمىدىم

سىز تور دۇكىنىدىن سېتىۋالغان ناخشىلارنى قويۇلماسلىقتەك ئەھۋالغا ئۇچۇرۇشىڭىز مۇمكىن، بولۇپمۇ Windows ياكى Mac OS قاچىلانغان كومپيۇتېرىدا سېتىۋېلىپ كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن ئەھۋالدا.

بۇنىڭ سەۋەبى مۇزىكىنىڭ فورماتى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز تەرىپىدىن تونۇلمىغانلىقتىن ئىبارەت. ناخشىنى قويۇش ئۈچۈن سىز مەزكۇر فورماتنى قوللايدىغان پروگراممىنى قاچىلىشىڭىز زۆرۈر. مەسىلەن ئەگەر سىز MP3 ھۆججىتىنى قويماقچى بولسىڭىز MP3 نى قوللايدىغان قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر قويماقچى بولغان فورماتنى قوللىمايدىغان بولسا ، قويماقچى بولغاندا قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىدۇ. بۇ ئۇچۇردا سىزنىڭ بۇ فورماتنى قانداق قىلىپ قوللايدىغان قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىلگەن بولىدۇ.

ئەگەر ناخشىنىڭ فورماتىنى قوللايدىغان قىلىپ يەنە قويالمىسىڭىز، بۇ ناخشىغا كۆچۈرۈشتىن مۇداپىئەلىنىش ( DRM چەكلىمىسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ). ئېلىپ بېرىلغان ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن.DRM بولسا ناخشىنى شۇ ناخشىنى قويغىلى بولىدىغان ئۈسكىنىدە قويۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان چەكلىمە. شىركەتنىڭ بۇنى سېتىشى سىزنى كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى ناخشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن. ئەگەر ناخشىدا DRM چەكلىمىسى بولسا سىز بۇ ناخشىنى قويالمايسىز. نورمال ئەھۋالدا ئىشلەپ چىقارغۇچى تەرىپىدىن مەخسۇس DRM چەكلىمە ھۆججىتىنى قويۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بىراق كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ يۇمشاق دېتالنى Linux قوللىمايدۇ.

DRM توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا Electronic Frontier Foundation دىن ئېرىشەلەيسىز.