سەزگۈر تاختىدا چېكىش ياكى سىيرىلدۇرۇش ئېلىپ بېرىش

چېكىش ، قوش چېكىش ، سۆرەش شۇنداقلا سىيرىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشقا ئۈسكۈنە ئىشلەتمەستىن سەزگۈر تاختا ئارقىلىقلا ئېلىپ بارالايسىز.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختانى ئېچىپ ئاندىن چاشقىنەك بەتكۈچنى تاللاڭ.

سەزگۈر تاختا ئارقىلىق چېكىش ، قوش چېكىش ، سۆرەش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنچاشقىنەك چېكىلىشىنى سەزگۈر تاختىدا ئەمەلگە ئاشۇرسۇن نى چېكىڭ.

  • سەزگۈر تاختىنى چېكىپلا قويسا چېكىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  • سەزگۈر تاختىنى قوش چېكىپلا قويسا، قوش چېكىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  • تۈرنى سۆرەش ئۈچۈن ئۇنى قوش چېكىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چېكىشتىن كىيىن بارمىقىڭىزنى كۆتۈرمەي، يۆتكىمەكچى بولغان ئورۇنغا سۆرەپ بارمىقىڭىزنى سەزگۈر تاختىدىن كۆتۈرسىڭىز بولىدۇ.

  • سەزگۈر تاختىڭىز كۆپ بارماقتا چېكىشنى قوللىسا ئۇنداقتا ئىككى بارماقتا تەڭ چېكىش ئارقىلىق ئوڭ چېكىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايسىز، ئۇنداق بولمىسا قاتتىق دېتالنىڭ ئوڭ توپچىسىنى چېكىپ مەشغۇلاتنى تاماملاڭ. چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكا چېكىلىشىنى تەقلىد قىلىشنى كۆرۈپ، ئوڭ توپچىنى چېكىش مەشغۇلاتىنى تەقلىد قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىڭ.

  • سەزگۈر تاختىڭىز كۆپ بارماقتا چېكىشنى قوللىسا ئۇنداقتا ئۈچ بارماقتا تەڭ چېكىش ئارقىلىق ئوتتۇرا كۇنۇپكىدا چېكىشclick مەشغۇلاتىنى تەقلىد قىلالايسىز.

سىز كۆپ بارماقتا كۆرسىتىپ چەككەن ياكى سۆرىگەندە بارماقلىرىڭىزنى كەڭرەك ئېچىڭ. ئەگەر بارماقلار بەك يېقىن بولۇپ قالسا كومپيۇتېر بىر بارماق مەشغۇلاتى دەپ تونۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سەزگۈر تاختىنىڭ گىرۋىكى ياكى ئىككى بارمىقىڭىز ئارقىلىق دوملىتىش ئېلىپ بارالايسىز.

سەزگۈر تاختىنىڭ گىرۋىكىنى ئىشلىتىپ دوملىتىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دوملىتىش نىڭ ئاستىدىكى دوملىتىش گىرۋىكى نى تاللايمىز. بۇنى تاللىغاندىن كىيىن سەزگۈر تاختىنىڭ گىرۋىكىدە بارمىقىڭىزنى يۇقىرى تۆۋەن يۆتكىسىڭىز تىك دومىلايدۇ. تۈز سىزىق دومىلىتىشنى كۈچكە ئىگە قىلىش نى تاللىسىڭىز، سەزگۈر تاختىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا سول ۋە ئوڭغا يۆتكەش ئارقىلىق تۈز سىزىق بويىچە دوملىتىش ئېلىپ بارالايسىز.

قوش بارماق بىلەن دوملىتىش ئۈچۈن دوملىتىش نىڭ ئاستىدىن قوش-بارماق دوملىتىش نى تاللاڭ. بۇ تاللانغاندىن كىيىن بىر بارماق بىلەن چېكىش ۋە سۆرەش نورمال خىزمەت قىلىدۇ، بىراق ئىككى بارمىقىڭىزنى سەزگۈر تاختىنىڭ خالىغان بۆلىكىدە سىيرىسىڭىز دوملىتىش ئىجرا بولىنىدۇ. ئەگەر تۈز سىزىق دومىلىتىشنى كۈچكە ئىگە قىلىش نى تاللىغان بولسىڭىز بارمىقىڭىزنى سول ۋە ئوڭغا يۆتكەش ئارقىلىق تۈز سىزىق دومىلىتىشنى ئېلىپ بارالايسىز. ئىككى بارمىقىڭىزنى بەك يېقىن قىلىۋالماڭ، ئۇنداق بولمىغاندا بىر بارماق بىلەن مەشغۇلات قىلغاندەك بولۇپ قالىدۇ.

قوش-بارماق بىلەن دوملىتىش ھەممە سەزگۈر تاختىلاردا ئىشلەپ كەتمەيدۇ.