چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختىنىڭ تېزلىكىنى تەڭشەش

ئەگەر چاشقىنەكنى ياكى سەزگۈر تاختىنى يۆتكىگەندە نۇر بەلگە بەك تىز ياكى ئاستا يۆتكەلسە، نۇر بەلگىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ۋە بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكىنى تەڭشىيەلەيسىز .

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا نى چېكىڭ

  3. نۇربەلگە تېزلىكى نى ئېچىپ، نۇر بەلگىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولغانغا قەدەر تىزلىتىش ۋە سەزگۈرلۈك سىيرىغۇچىنى تەڭشەڭ.

سەزگۈرلۈكى سىز چاشقىنەكنى يۆتكىگەندە نۇر بەلگىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چاشقىنەكنى قانچە ھەرىكەتلەندۈرسىڭىز ، نۇر بەلگىسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا تىز ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ سىزنىڭ قولىڭىزنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ نۇر بەلگىنى پۈتۈن ئېكراندا ھەرىكەتلەندۈرۈش ،كۆرسىتىش ۋە توغرا بولغان چېكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.تېزلىك كونتروللىغۇچ بۇ ھەرىكەتلەرنى كونترول قىلىدۇ.

چاشقىنەك بىلەن سەزگۈر تاختا ئوخشاش بولمىغان سەزگۈرلۈك ۋە تېزلىكنى تەڭشىيەلەيسىز. بەزى ۋاقىتلاردا بىرىدە راھەت ھېس قىلغان تېزلىك يەنە بىرىدە راھەت بولماي قالىدۇ. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا بەتكۈچتىكى سۈرگۈچنى تەڭشىسىڭىزلا بولىدۇ.