چاشقىنەكنىڭ ئىسترېلكىسىنىڭ مىدىرلىماسلىقى

چاشقىنەكنىڭ چېتىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش

ئەگەر چاشقىنىكىڭىزنىڭ سىمى بولسا ئۇنىڭ پۇختا چېتىلغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

ئەگەر ئۇ USB لىق چاشقىنەك بولسا( تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك ئۇلىغۇچ)، ئۇنى ئوخشىمىغان USB ئېغىزىغا ئۇلاپ سىناپ بېقىڭ.ئەگەر ئۇ PS/2 لىق چاشقىنەك بولسا(ئالتە يىڭنىلىك يۇمىلاق ئۇلىغۇچ ) بولسا ئۇنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى ئەمەس چاشقىنەك ئۇلىغۇچ ئېغىزىغا ئۇلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ئەگەر بۇ ئۇلانغان بولسا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشقا توغرا كۈلىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ چاشقىنەكنى تونۇغان تونۇمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش

  1. Ctrl+Alt+t نى بېسىپ ئوخشاش ئاتلىق كۆپ ھۆججەتنى تاللىغىلى بولىدۇ.

  2. تېرمىنال كۆزنىكىدە xsetpointer -l | grep Pointer بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

  3. چاشقىنەك ئۈسكۈنىسىنىڭ قىسقىچە تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ.كەم دېگەندە بىر تۈرنىڭ [XExtensionPointer] ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ، [XExtensionPointer] نىڭ سول تەرىپىدىكى بولسا چاشقىنەكنىڭ ئىسمى بولىدۇ.

  4. [XExtensionPointer] بىلەن كەلگەن چاشقىنەكنىڭ ئىسمى بولمىسا كومپيۇتېر چاشقىنەكنى تونۇمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر بولسا كومپيۇتېرىڭىز چاشقىنەكنى تونۇدى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چاشقىنەكنىڭ چېتىلغانلىقىنى ۋە ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

ئەگەر سىزنىڭ چاشقىنىكىڭىزنىڭ serial (RS-232) ئۇلىغۇچلۇق بولسا ، ئۇنى ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە ئارتۇق قەدەملەرنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قەدەم باسقۇچلار چاشقىنەكنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن ياكى تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.

چاشقىنەكنى تونۇشتىكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولغان مەسىلە بولۇپ ، ئەگەر چاشقىنىكىڭىزنىڭ نورمال تونۇشتا مەسىلە بار دەپ ئويلىسىڭىز ئىشلىتىۋاتقان نەشردىن ياكى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇندىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.

چاشقىنەكنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش

چاشقىنەكنى ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېرغا چېتىپ ئىشلەيدىغان ئىشلىمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

ئەگەر چاشقىنەك ئوپتىكىلىق ياكى لازېر نۇرلۇق چاشقىنەك بولسا، چاشقىنەكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن نۇر چىقىپ تۇرىدۇ. ئەگەر نۇر بولمىسا ، چاشقىنەكنىڭ ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر ئېچىقلىق ھالەتتىمۇ يېنلا نۇر بولمىسا چاشقىنەكنىڭ بۇزۇلغان ئېھتىماللىقى بار.

سىمسىز چاشقىنەكنى تەكشۈرۈش

  • چاشقىنەكنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جەزملەڭ. ئادەتتە چاشقىنەكنىڭ ئاستىدا بىر ئۈزچات بولۇپ، ئۇنى تولۇق تاقىغىلى بولىدۇ. سىز ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۈزچاتنىڭ ھالىتىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

  • ئەگەر كۆكچىش چاشقىنەك ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، چاشقىنەك بىلەن كومپيۇتېرنىڭ جۈپلەنگەنلىكى جەزملەڭ. كومپيۇتېرنى بىر كۆكچىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باغلاش دىن كۆرۈڭ.

  • چاشقىنەك توپچىسىنى چېكىپ نۇر بەلگىنىڭ يۆتكىلىدىغان ياكى يۆتكەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈڭ. بەزى سىمسىز چاشقىنەك توك تېجەش ئۈچۈن ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىدۇ شۇڭلاشقا چاشقىنەك توپچىسىنى چەككەندىن كېيىن ئاندىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. چاشقىنەكنىڭ خىزمىتىدە كېچىكىش يۈز بېرىش

  • چاشقىنەكنىڭ توكدانىدا توك بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ.

  • قوبۇللىغۇچنىڭ كومپيۇتېرغا پۇختا چىتلىغان چېتىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

  • ئەگەر چاشقىنەك ۋە قوبۇللىغۇچ ئوخشاش بولمىغان رادىئو قانىلى ئىشلەتسە ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش قانالغا تەڭشەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ.

  • قوبۇللىغۇچ ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇلىنىش ئۈچۈن چاشقىنەكنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىشىڭىزغا توغرا كۈلىدۇ. چاشقىنەكنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار مەزمۇنلار بۆلىشى كېرەك.

كۆپىنچە RF (radio) سىمسىز چاشقىنەكنى كومپيۇتېرغا ئۇلىغاندا ئاپتوماتىك ھالدا نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر سىزدە كۆكچىش ياكى IR (infrared) سېمىز چاشقىنەك بولسا ئۇنى ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە ئارتۇق قەدەم باسقۇچلارنى بېسىشىڭىزغا توغرا كۈلىدۇ. بۇ قەدەم باسقۇچلار چاشقىنەكنىڭ ماركىسى ۋە تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.