چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى چاشقىنەكنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ چېكىش ۋە يۆتكەش

If you have difficulties using a mouse or other pointing device, you can control the mouse pointer using the numeric keypad on your keyboard. This feature is called mouse keys.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەتنى چېكىڭ.

  3. كۆرسىتىش ۋە چېكىش بەتكۈچنى تاللاڭ.

  4. چاشقىنەك كۇنۇپكىسى غا يۆتكىلىڭ.

  5. رەقەم قۇلۇپى نىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ھازىر سىز چاشقىنەك كۆرسەتكۈچىنى رەقەم تاختىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرەلەيسىز.

بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرپتاختا ئارقىلىق چاشقىنەك سىنبەلگىسىنى تىزگىنلىيەلەيسىز. ئۇنىۋېرسال زىيارەت تەڭشىكىدە تېخىمۇ كۆپ توسالغۇسىز زىيارەت تاللانمىلىرىنى كۆرەلەيسىز.

رەقەم تاختىسى بولسا ھەرپتاختىسى ئۇستىدىكى رەقەملەر ئاساسلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايون. ئەگەر ھەرپتاختىڭىزدا رەقەم تاختىسى بولمىسا (ئادەتتە يان كومپيۇتېرلىرىدا بولمايدۇ)، ھەرپتاختا ئۇستىدىكى (Fn) نى بېسىپ تۇرۇپ، ھەرپتاختىسى ئۇستىدىكى بىر قىسىم كۇنۇپكىلارنى رەقەم تاختىسى قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يان كومپيۇتېردا بۇنداق مەشغۇلاتنى كۆپرەك ئىشلەتسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى USB لىق رەقەم تاختىسىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز ياخشى.

نومۇر تاختىدىكى ھەر بىر سان بىر يۆنىلىشكە ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، 8 بېسىلسا چاشقىنەك نۇر بەلگىسى ئۈستىگە يۆتكىلىدۇ، 2 بېسىلسا چاشقىنەك نۇر بەلگىسى ئاستىغا يۆتكىلىدۇ. 5 بېسىلسا چاشقىنەكنى تاق چېكىش مەشغۇلاتىنى ياكى تېز تېز ئىككى بېسىلسا قوش چېكىش مەشغۇلاتىنى ئىپادىلەيدۇ.

كۆپ قىسىم ھەرپتاختىدا بىر مەخسۇس كۇنۇپكا بار بولۇپ، چاشقىنەك ئوڭ چېكىش مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ؛ بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە بوشلۇق كۇنۇپكىسىنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەمما دىققەت بۇ كۇنۇپكا چاشقىنەك نۇر بەلگە تۇرغان ئورۇنغا ئەمەس بەلكى ھەرپتاختا فوكۇس نۇقتىسىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. سىز چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكا چېكىلىشىنى تەقلىد قىلىش نى كۆرۈپ ئوڭ كۇنۇپكىنى تەقلىد قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇلنىڭ قوللانمىسىغا ئېرىشىڭ.

چاشقىنەك كۇنۇپكىلىرى ئىناۋەتلىك قىلىنغان ئەھۋالدا، رەقەم كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق رەقەملەرنى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، Num Lock كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ چاغدا چاشقىنەكنى رەقەم كۇنۇپكا رايونى ئارقىلىق باشقۇرغىلى بولمايدۇ.

ھەرپتاختىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى بىر قۇر رەقەم كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. پەقەت رەقەم تاختىسىدىكى رەقەم كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىقلا باشقۇرغىلى بولىدۇ.