ئوتتۇرا-چېكىش

كۆپىنچە چاشقىنەك ۋە سەزگۈ تاختىنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسى بار بولۇپ، چاشقىنەكتە بولسا دومىلاتما چاق بولغان بولىدۇ. ئوتتۇرا چېكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە دومىلاتما چاقنى باسسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا كۇنۇپكا بولمىسا ئوڭ كۇنۇپكا بىلەن سول كۇنۇپكىنى تەڭلا بېسىش ئارقىلىق ئوتتۇرا - چېكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

كۆپ بارماقنى قوللايدىغان سەزگۈ تاختىدا ، سىز ئۈچ بارمىقىڭىزنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا - چېكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. بۇنى قىلىش ئۈچۈن سەزگۈ تاختىدىكى تاختا چېكىش نى كۈچكە ئىگە قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

كۆپلىگەن پروگراممىلار ئوتتۇرا كۇنۇپكىنى ئالىي چېكىشنىڭ تېزلەتمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

  • كۆپ ئۇچرايدىغان تېزلەتمىنىڭ بىرى بولسا تاللانغان تېكىستنى چاپلاش.)ئاساسى تاللانغاننى چاپلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.( چاپلىماقچى بولغان تېكىستنى تاللاڭ، چاپلىماقچى بولغان جايغا بېرىپ ئوتتۇرا - چېكىشنى قىلىڭ، بۇ ۋاقىتتا تاللانغان تېكىست نۇر بەلگىنىڭ ئورنىغا چاپلىنىدۇ.

    چاشقىنەكنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىپ چاپلاش ئېلىپ بېرىش نورمال ئەھۋالدىكى چاپلاش تاختىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىم بولۇپ. تېكىستنى تاللىغاندا چاپلاش تاختىسىغا چاپلانمايدۇ. بۇ خىل تېز چاپلاش ئۇسۇلى پەقەت چاشقىنەكنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكا ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  • دومىلىما سۈرگۈچ ۋە سىيرىغۇچنى ئىشلەتكەندە، بوش ئورۇندا تاق چېكىلسە مۇناسىپ يۆنىلىشكە مۇئەييەن ئارىلىق دومىلايدۇ (مەسىلەن ئاستىغا بىر بەت ئۆرۈيدۇ). ئوتتۇرا كۇنۇپكىدا بوش ئورۇننى تاق چېكىپ دومىلىما سۈرگۈچ ياكى سىيرىغۇچنى سىز چەككەن جايغا يۆتكىيەلەيسىز.

  • ئوتتۇرا - چېكىش ئارقىلىق سىز پروگرامما ئۈچۈن يېڭى كۆزنەك ئاچالايسىز. سول تەرەپتىكى قوزغاتقۇچ ياكى باش تاختا دىكى پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسىگە ئوتتۇرا چېكىشنى قىلىش.

  • كۆپىنچە تور كۆرگۈچلەر سىزنى ئوتتۇرا كۇنۇپكا ئارقىلىق ئۇلىنىشنى بەتكۈچتە ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. خالىغان ئۇلىنىشنى ئوتتۇرا كۇنۇپكا ئارقىلىق چەكسىڭىزلا، ئۇلىنىش يېڭى بەتكۈچتە ئېچىلىدۇ. Firefox تا ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئۇلىنىشتىن باشقا ئورۇندا ئوتتۇرا - چېكىشنى ئىجرا قىلسىڭىز، سىز تاللىغان تېكىستنى URL دەپ چۈشىنىپ ئىچىشكە ئۇرۇنىدۇ، خۇددى ئوتتۇرا - چېكىش ئارقىلىق ئورۇن ئىستونىغا چاپلاپ Enter نى باسقاندەك بولىدۇ.

  • ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا ئوتتۇرا-چېكىش ئىككى خىل رول ئوينايدۇ. ئەگەر ھۆججەت قىسقۇچتا ئوتتۇرا-چېكىش ئىجرا قىلىنسا، ھۆججەت قىسقۇ يېڭى بەتكۈچتە ئېچىلىدۇ. بۇ ئاممىباب كۆرگۈچلەرنى تەقلىد قىلغان. ئەگەر بىر ھۆججەتنىڭ ئۈستىدە ئوتتۇرا-چېكىشنى ئىجرا قىلسىڭىز قوش چەككەندەك ھۆججەت ئېچىلىدۇ.

بىر قىسىم ئالاھىدە پروگراممىلار سىزنى چاشقىنەكنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسىنى باشقا ئىقتىدار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. پروگراممىڭىزنىڭ ياردىمىدىن ئوتتۇرا ياكى چاشقىنەكنىڭ ئوتتۇرا توپچىسى غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئىزدەڭ.