سۆرەشنىڭ دەسلەپكى قىممىتىنى تەڭشەش

بىرەر نەرسىنى چەككەندە، چاشقىنەكنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇۋەتكۈچە بولغان ۋاقىتتا قولىڭىزنى ئازراقمۇ مىدىرلىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،مەلۇم ئارىلىققا ھەرىكەتلەندۈرگەندىلا سۆرەش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم چەككەن ۋاقىتتا تاسادىپىي سۆرىلىش يۈز بەرمەيدۇ. سۆرەشنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن سىز ئەڭ قىسقا بولغان ئارىلىقنى تەڭشىيەلەيسىز.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا نى چېكىڭ

  3. سۆرەپ تاشلا نىڭ ئاستىدىن دەسلەپكى قىممەت نىڭ سۈرگۈچنى ئۆزىڭىز راھەت ھېس قىلغان قىممەتكە تەڭشەڭ. تەڭشەك كۆزنەكنىڭ ماۋزۇ ئىستونىدىن سۆرەپ نۆۋەتتىكى قىممىتىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

بۇ تەڭشەك چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا ۋە باشقا كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.