قوش چېكىش تېزلىكىنى تەڭشەش

قوش چېكىش چاشقىنەكنىڭ كۇنۇپكىسىنى يېتەرلىك تىز سۈرەتتە ئىككى قېتىم چەككەندىلا يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى قېتىم چېكىش بىلەن بىرىنچى قېتىملىق چېكىشنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە قوش چېكىش ئەمەس ئايرىم-ئايرىم ئىككى قېتىم چەككەنلىك بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر چاشقىنەكنىڭ كۇنۇپكىسىنى تىز بېسىشتا قىينالسىڭىز، ۋاقىت ھالقىشنى ئۇزارتسىڭىز بولىدۇ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا نى چېكىڭ

  3. قوش چېكىش ۋاقىت ھالقىشى نىڭ ئاستىدىن ۋاقىت ھالقىش سۈرگۈچنى ئۆزىڭىز راھەت ھېس قىلىدىغان ئورۇنغىچە يۆتكەڭ. سۈرگۈچ ئاستىدىكى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق تەڭشىكىڭىزنى سىنىسىڭىز بولىدۇ.بىر قېتىم چەكسىڭىز كۈلۈمسىرىگەن ، قوش چەكسىڭىز ئېغزى قۇلىقىغا يەتكەن كۈلۈشكە ئايلىنىدۇ.

ئەگەر ۋاقىت ھالقىشنى ئۇزارتىپ، چاشقىنەكنى بىر قېتىم چېكىشنى مەقسەت قىلغان ئەھۋالدا قوش چېكىش دەپ تونۇلسا ئۇ ھالدا چاشقىنەكتە مەسىلە بولغان بولىدۇ. باشقا چاشقىنەكنى كومپيۇتېرىڭىزغا چېتىپ نورمال ئىشلەمدۇ يوق سىناپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا چاشقىنىكىڭىزنى باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ ئوخشاش مەسىلە بارمۇ يوق سىناپ بېقىڭ.

بۇ تەڭشەك چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختا ۋە باشقا كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.