ئېكراننىڭ چوڭلۇقى ياكى ئېكراننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش

ئېكراندا كۆرسىتىلىدىغان نەرسىلەرنى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېكران ئېنىقلىقى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. يەنە ئېكراندىكى نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئېكراننى چۆرگىلەتسىڭىز بولىدۇ (ئېكراننى چۆرگىلەتكىلى بولسا).

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. كۆرسەتكۈچلەر نى ئاچىسىز.

  3. ئەگەر كۆپ ئېكرانىڭىز بولسا ھەمدە ئۇلار تەسۋىر كۆرسىتىش بولمىسا، ھەر بىر ئېكرانغا ئوخشىمىغان تەڭشەك ئېلىپ بارالايسىز. ئالدىن كۆزىتىش رايونىدا بىر ئېكراننىڭ ئالدىن كۆزىتىش سۈرىتىنى تاللاڭ.

  4. بەلگىلەيدىغان ئېنىقلىق ۋە ئېكران يۆنىلىشىنى تاللاڭ.

  5. قوللان چېكىلسە يېڭى تەڭشەكنى قوللىنىدۇ ئەمما 30 سېكۇنتلۇق ئەسلىگە قايتۇرۇش ۋاقتى بولىدۇ. ئەگەر يېڭى تەڭشەكنى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلغىلى بولماسلىق خاتالىقى كۆرۈلسە، 30 سېكۇنتتىن كېيىن سىستېما ئۆزلۈكىدىن كونا تەڭشەكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر يېڭى تەكشەكتىن رازى بولسىڭىز، مۇشۇ سەپلىمىنى ئىشلەتنى چېكىڭ.

باشقا كۆرسەتكۈچ مەسىلەن پرويېكسىيە ئاپپاراتى دېگەندەكلەرنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇلارمۇ ئاپتوماتىك بايقىلىدۇ ۋە كۆرسەتكۈچنى تەڭشىگەن ئۇسۇل بويىچە تەڭشىكىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوماتىك بايقالماي قالسا كۆرسەتكۈچلەرنى بايقاش نى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.

ئېنىقلىق

ئېنىقلىق ھەر قايسى يۆنىلىشتە كۆرسىتەلەيدىغان پىكسېل سانىدۇر. ھەر بىر ئېكراننىڭ ئېگىزلىك كەڭلىك نىسبىتى بولىدۇ. كەڭ ئېكرانلىق كۆزەتكۈچ ئادەتتە 16:9 بولغان ئېگىزلىك كەڭلىك نىسبىتىنى، ئادەتتىكى ئېكران ئادەتتە 4:3 نىسبەتنى ئىشلىتىدۇ، ئەگەر خاتا بولغان ئېگىزلىك كەڭلىك نىسبەت تەڭشىكىنى تاللىسىڭىز، ئېكران مۇۋاپىق بولغان گىرۋەككە قارا يان قوشۇپ سۈرەتنىڭ سوزۇلۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئېنىقلىقنى تارتما تىزىمدىن تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئېكرانىڭىزغا ماس كەلمەيدىغان ئېنىقلىق تاللىنىپ قالسا ئېكراندىكى نەرسىلەر غۇۋا ياكى چىشلىق كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

ئايلاندۇرۇش

بەزى يان كومپيۇتېرلارنىڭ ئېكرانىنى قولدا چۆرگىلىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئېكراننىڭ كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى چۆرگىلىتىپ ئىشلەتسە بەزىدە بەكمۇ قۇلايلىق. ئېكراننىڭ يۆنىلىشىنى يېيىلما تىزىمدىن تاللاشقا بولىدۇ.