ئۈستەلئۈستى تەگلىكىنى ئۆزگەرتىش

ئۈستەلئۈستىنىڭ تەگلىكىگە ئىشلىتىلگەن رەسىمنى باشقا رەسىمگە ئۆزگەرتكىلى ياكى ئۈستەلئۈستىنىڭ تەگلىكىنى بىر خىل رەڭ ياكى ھەشەمەتلىك رەڭ بىلەن كۆرسەتكىلىمۇ بولىدۇ.

  1. ئۈستەلئۈستىدە ئوڭ چېكىپ ئۈستەلئۈستى تەگلىكىنى ئۆزگەرتىش نى تاللايسىز.

  2. سۈرەت ياكى رەڭنى تاللايسىز. تاللىغىنىڭىزنىڭ نەتىجىسى شۇ ھامان ئۈستەلئۈستىدە تەگلىكىدە ئەكس ئېتىدۇ. قۇرۇق خىزمەت رايونىغا ئالمىشىپ پۈتۈن ئېكراننى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى تىزىمدا ئۇچ خىل تاللاش بار.

  • تام قەغەزلىرى نى تاللىسىڭىز ئۇبۇنتۇ بىلەن بىرگە كەلگەن نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەرنىڭ بىرىنى تەگلىك سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇبۇنتۇنىڭ تام قەغىزىدىن باشقا كۆڭۈلدىكى تام قەغەزلىرىنىڭ ھەممىسى «تام قەغىزى مۇسابىقىسى» دە ئۇتۇپ چىققان تام قەغەزلىرىدۇر.

    بەزى تام قەغەزلىرى سۈزۈك بولۇپ، كەينىدىكى رەڭلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تام قەغەزلىرىنىڭ توڭ-توۋەن بۇلۇڭىدا رەڭ تاللاش توپچىسى بار.

  • ئۆزىڭىزنىڭ سۈرەت قىسقۇچىدىكى سۈرەتنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز سۈرەت قىسقۇچى نى تاللاڭ. نۇرغۇنلىغان سۈرەت باشقۇرۇش پروگراممىلىرى ئادەتتە سۈرەتلەرنى مۇشۇ يەردە ساقلايدۇ.

  • بىر خىللا رەڭ ياكى ھەشەمەتلىك رەڭ(gradient color) نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، رەڭ ۋە ھەشەمەتلىك رەڭ نى تاللايسىز. ئاستى ئوڭ بۇلۇڭ تەرەپتە رەڭ تاللاش توپچىسى كۆرۈنىدۇ.

كومپيۇتېردا بار خالىغان بىر سۈرەتنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز + توپچىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قوشۇلغان سۈرەتلەر سۈرەتلەر قىسقۇچىدا كۆرۈنىدۇ. - توپچىسىنى بېسىپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. بۇ يەردىن ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزمۇ ئەسلى ھۆججەت ئۆچۈرۈلمەيدۇ.